Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 8:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئەمەلدارى خازائېلغا: _ سەن سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ بېرىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بىلەن كۆرۈشكىن. ئۇ كىشى پەرۋەردىگاردىن: «مېنىڭ كېسىلىم ساقىيارمۇ؟» دېگەن سوئالىمنى سوراپ باقسۇن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 8:8
11 Referans Kwoze  

بىر كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى پادىشاھى ئاخازيا سامارىيە شەھىرىدە ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىسىنىڭ پەنجىرىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەقرون شەھىرىنىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزىنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىنى سوراپ كېلىش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتتى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئەمدى كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتىپ، دەمەشقنىڭ چۆلىگە بارغىن. ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، خازائېلنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئاررامنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلىگىن.


_ ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، ئۇ ئادەمگە نېمە سوۋغا قىلىمىز؟ _ دېدى سائۇل، _ خۇرجۇنىمىزدا يېگۈدەك نەرسە قالمىغان يەردە، ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغۇدەك نېمە بولسۇن!


كېيىن، ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: - قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى.


بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: - ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى:


پادىشاھ: _ ئەمىسە بارغىن، ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا مەن بىر مەكتۇپ ئەۋەتىمەن، _ دېدى. نائامان ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا 350 كىلو كۈمۈش، 70 كىلو ئالتۇن ۋە 10 قۇر كىيىم-كېچەك ئېلىپ باردى.


ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: _ يولدا بىر ئادەم بىزنى ئىزدەپ كېلىپ، بىزگە مۇنداق دېدى: «سىلەرنى ئەۋەتكەن پادىشاھىڭلارغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيتىڭلار: ‹سەن ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزۈڭنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىڭنى سوراشقا ئەلچى ئەۋەتىپسەن. سەنچە، ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوقمۇ؟ سەن مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن تۆشىكىڭدىن تۇرالماي، چوقۇم ئۆلىسەن!›»


خازائېلنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى يېھۇ ئۆلتۈرىدۇ، يېھۇنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى ئېلىشا ئۆلتۈرىدۇ.


ئىلياس پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزۈڭنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىڭنى سوراشقا ئەلچى ئەۋەتىپسەن. سەنچە، ئىسرائىلىيەدە سەن سورايدىغانغا خۇدا يوقمۇ!؟ سەن مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن تۆشىكىڭدىن تۇرالماي، چوقۇم ئۆلىسەن! _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite