Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 8:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 _ تەقسىر، ئۆزلىرى نېمىشقا يىغلايلا؟ _ دېدى خازائېل. ئېلىشا: _ چۈنكى مەن سېنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلىدىغان يامان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن. سەن ئۇلارنىڭ قەلئەلىرگە ئوت قويىسەن، ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىسەن، كىچىك بالىلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرىسەن، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنىنى يارىسەن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 8:12
19 Referans Kwoze  

سامارىيە قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن چوقۇم جازالىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىغا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، بالىلىرى يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنى يېرىلىدۇ.»


شۇنداقتىمۇ نو خەلقى ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن بولدى. ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرى دوقمۇش-دوقمۇشلاردا يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى، مۆتىۋەرلەرگە چەك تاشلاندى، يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ھەممىسى كىشەنلىنىپ تۇتۇپ كېتىلدى.


مىناخېم تىرزاھ شەھىرىدىن كېلىۋاتقان يول ئۈستىدە تىفساخ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق يەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغانىدى. ئۇ ھەتتا ئۇ يەرلەردىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ قارنىنى يېرىۋەتكەنىدى.


شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ئاررام پادىشاھى خازائېلنىڭ ۋە خازائېلنىڭ ئوغلى بەنھادادنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.


شۇ ۋاقىتتا ئاررام پادىشاھى خازائېل گاتقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ئىگىلىۋالدى. ئۇ يەنە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يېقىنلاپ كەلدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاممون خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار ئۆز زېمىنىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن گىلئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قارنىنى ياردى.


ئۇلارنىڭ ئۇششاق بالىلىرى كۆز ئالدىدىلا يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بۇلاپ-تالىنىدۇ، خوتۇنلىرى دەپسەندە قىلىنىدۇ.


ئاررام پادىشاھى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاخازنىڭ قوشۇنىنى خۇددى خاماننى دەسسەپ چەيلىگەندەك چەيلەپ ۋەيران قىلغاچقا، ئاخىرى ئۇلاردىن پەقەت ئەللىك ھارۋىلىق لەشكەر، ئون جەڭ ھارۋىسى ۋە ئون مىڭ پىيادە لەشكەرلا قالغانىدى.


شۇڭا ئۇرۇش چۇقانلىرى سىلەردىن ئاڭلىنىدۇ، بارلىق قەلئەلىرىڭلار ۋەيران بولىدۇ. خۇددى پادىشاھ شالمان بەيت-ئاربەلنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئانىلار بوۋاقلىرى بىلەن بىرگە يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.


ئۇلار ئوقيالىرى بىلەن يىگىتلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئۇلار بوۋاقلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، بالىلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ.»


ئايال: _ مەن سىلىدىن بىر ئوغۇل تىلىدىممۇ؟ مەن سىلىگە: «يالغان ئېيتمىغايلا» دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى.


خوجام، ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقان چاغدا، مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن يۈز كىشىنى ئەللىكتىن قىلىپ، ئىككى ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ھەم سۇ بىلەن تەمىنلىگىنىمدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟


خازائېلنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى يېھۇ ئۆلتۈرىدۇ، يېھۇنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى ئېلىشا ئۆلتۈرىدۇ.


يىھوئاخاز ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا، ئىسرائىللار ئاررام پادىشاھى خازائېل تەرىپىدىن قايتا-قايتا زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ،


يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاش يەھۇدىيەنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھلىرى بولغان ئاتا-بوۋىلىرىدىن يىھوشافات، يىھورام، ئاخازيا ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بارلىق ئالتۇنلارنى ئېلىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن خازائېل يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلماي چېكىندى.


ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! گۇناھىڭلار سىلەرنى يىقىتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite