10 ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ سەن بېرىپ پادىشاھقا: «ئۆزلىرىنىڭ ساقىيىپ كېتىشلىرى مۇقەررەر» دەپ ئېيتقىن، لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلدىكى، ئۇ چوقۇم ئۆلىدۇ، _ دېدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە ماڭا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىد ىن باشلانغان، خرۇستالدەك سۈزۈك ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى.
پەرۋەردىگار يەنە ماڭا تۆت تۆمۈرچىنى كۆرسەتتى.
ئىگىمىز پەرۋەردىگار ماڭا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا مەن بىر سېۋەت پىشقان مېۋىنى كۆردۈم.
ئاندىن كېيىن ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا يەنە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرسەتتى. ئىگەم تامنىڭ يېنىدا تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى تۇتۇپ تۇرغانىكەن.
ئاندىن ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا باشقا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. ئۇ ئۆز خەلقىنى كۆيدۈرۈپ جازالاش ئۈچۈن ئوتقا ئەمر قىلىپتۇ. ئوت يەر ئاستىدىكى بۈيۈك سۇلارنى قۇرۇتۇپ، زېمىننى كۆيدۈرۈشكە باشلاپتۇ.
ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. خۇدا بىر توپ چېكەتكىلەرنى زېمىندا پەيدا قىلىپتۇ. بۇ ۋاقىت دېھقانلارنىڭ پادىشاھقا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇپ بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم تېرىغان زىرائەتلىرىنىڭ يېڭىدىن ئۈنۈشكە باشلىغان ۋاقتى ئىكەن.
دەرھەقىقەت، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرىگە ئايان قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلمايدۇ.
قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالسا، بۇ ئوغۇل يەنە ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ ياق، ئۇ چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن، چۈنكى ئۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. ئۇ چوقۇم ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.
پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلغان ھەممە نەرسىنى سۈرگۈندىكى كىشىلەرگە ئېيتىپ بەردىم.
لېكىن سەن تەسلىم بولمىساڭ، پەرۋەردىگار ماڭا غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق كۆرسەتكەن ئىشلار يۈز بېرىدۇ. بۇلار مېنىڭ غايىبانە ئالامەتتە كۆرگەنلىرىمدۇر:
ئىلياس پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزۈڭنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىڭنى سوراشقا ئەلچى ئەۋەتىپسەن. سەنچە، ئىسرائىلىيەدە سەن سورايدىغانغا خۇدا يوقمۇ!؟ سەن مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن تۆشىكىڭدىن تۇرالماي، چوقۇم ئۆلىسەن! _ دېدى.
پەرۋەردىگار پادىشاھىڭلارغا: ‹مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن ياتقان تۆشىكىڭدىن تۇرالماي، چوقۇم ئۆلىسەن!› دەيدۇ» دېگىن. شۇنىڭ بىلەن ئىلياس پەرىشتىنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلدى.
مىكايا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ مىكايا، بىز راموتقا ھۇجۇم قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلىشقايلا، غەلىبە قىلىشىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دەپلا قويدى مىكايا.
ئاندىن پىرئەۋن يۈسۈپكە: _ خۇدا بۇ ئىشلارنى ساڭا ئۇقتۇرغانىكەن، سەن چوقۇم ھەممەيلەندىن ئەقىللىق ۋە يىراقنى كۆرەردۇرسەن.
ئەمما «ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ھەققىدە بىلىم بېرىدىغان دەرەخ»نىڭ مېۋىسىنى ھەرگىز يېمىگىن. چۈنكى ئۇنى يېسەڭ، چوقۇم ئۆلىسەن! _ دېدى.