Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 7:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 گۇگۇم چۈشكەندە چېدىرلىرىنى، ئات ۋە ئېشەكلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشكەنىدى. ھەتتا بارگاھلىرىنىمۇ شۇ پېتى تاشلاپ قويۇپ، جانلىرىنى ئېلىپ قېچىشقانىدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 7:7
18 Referans Kwoze  

قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار، شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار.


خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسى ۋە قەسىمى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى، خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ. شۇڭا، خۇدادىن پاناھلىنىۋاتقان بىزلەر ئۇنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىدىن كۆپ ئىلھامغا ئېرىشىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈمىدتە ئىشەنچ بىلەن چىڭ تۇرالايمىز.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىنسانلار چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىۋالغان بۇتلارنى، غارلاردىكى چاشقان ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر پادىشاھنىڭ كۆڭلى، باشلار ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئېرىق سۇيىدەك ئۇنى.


ئازاد قىل ئۆزۈڭنى ئوۋچى قولىدىن قاچقان كېيىكتەك، ئوۋچىنىڭ تورىدىن قۇتۇلغان قۇشتەك.


«پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى قېچىشتى.» ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار ئولجىلارنى بۆلۈشتى.


ئەخمەقلىقتۇر قۇتۇلىمەن دېيىش مەغلۇبىيەتتىن ئات بىلەن، قۇتقۇزالماس ھېچكىمنى ئات قارا كۈچى بىلەن.


ئەتراپنى ۋەھىمە قاپلاپ، ئۇنى بارغانچە قىستاپ كەلمەكتە.


ئۇلار بارگاھنىڭ ئەتراپىدا ئۆز ئورۇنلىرىدا مەھكەم تۇردى. دۈشمەن قوشۇنى پاتىپاراق بولۇپ، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ قاچقىلى تۇردى.


مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى سەككىز كىلو كۈمۈش، ئاتنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى ئىككى كىلو كۈمۈش ئىدى. پادىشاھ سۇلايماننىڭ سودىگەرلىرى ئۇلارنى خىتلار ۋە ئارراملارنىڭ پادىشاھلىرىغا سېتىشاتتى.


توساتتىن بارگاھ ۋە دالادىكى فىلىستىيەلىكلەر ئالاقزادە بولۇپ، قاراۋۇللار ۋە زەربىدارلارمۇ قورقۇپ، تىترەپ كېتىشتى، يەرمۇ تەۋرەپ كەتتى. بۇ خۇدادىن كەلگەن قورقۇنچ ئىدى.


ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە ئۇچرىغان دۈشمەننى ئۆلتۈردى. ئارراملار قېچىشتى، ئىسرائىلىيەلىكلەر كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى. ئاررام پادىشاھى بەنھاداد ئاتقا مىنىپ، بىرنەچچە ئاتلىقلار بىلەن بىللە قاچتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite