Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 7:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئەگەر بىز شەھەرگە كىرسەك، شەھەردە ئۆلۈپ كېتىمىز. چۈنكى ئۇ يەردە ئاچارچىلىق بولۇۋاتىدۇ. لېكىن بۇ يەردە ئولتۇرساقمۇ، ئوخشاشلا ئۆلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئارراملارنىڭ بارگاھىغا بارايلى. ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ بىر قوشۇق قېنىمىزدىن كەچسە ھايات قالارمىز، ئۆلتۈرۈۋەتسە ئۆلەرمىز، _ دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 7:4
11 Referans Kwoze  

ئېتىزلىقلاردا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرىنى كۆرىمەن. شەھەر كوچىلىرىدا ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنى كۆرىمەن. پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلار خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.


كىم بىلىدۇ، بەلكىم خۇدا نىيىتىدىن، قەھر-غەزىپىدىن يېنىپ، بىزنى ھالاك قىلمامدۇ تېخى!»


كىشىلەر دەيدۇ: «بىز نېمىشقا بۇ يەردە ئولتۇرىمىز؟ مۇستەھكەم شەھەرلەرگە بېرىپ، توپلىنايلى. ئەگەر بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئۆلۈشكە بۇيرۇغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلىپ ئۆلەيلى. پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە زەھەر بىلەن تولغان قەدەھنى ئىچىشكە بەردى.


_ سىز بېرىپ، سۇزا قەلئەسىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغىڭ. سىلەر مەن ئۈچۈن ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ نەرسە يېمەي ۋە ئىچمەي، روزا تۇتۇڭلار. مەنمۇ كېنىزەكلىرىم بىلەن شۇنداق قىلىمەن. ئاندىن مەن قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلسەممۇ مەيلى.


بىز ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىمىز، ھاياتىمىزنى قايتۇرۇۋالالمايمىز. ئۇ خۇددى يەرگە چېچىلغان سۇغا ئوخشايدۇ. لېكىن خۇدا بىزنى ھاياتلىقتىن مەھرۇم قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئەمەس، بەلكى سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ.


ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەن.


داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسە قەبىلىسىدىن بەزىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى. (لېكىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر داۋۇتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى: «ئەگەر داۋۇت ئۆز خوجايىنى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسە، بېشىمىز تېنىمىزدىن جۇدا بولۇشى مۇمكىن!» دەپ مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتكەنىدى.)


كېيىن ئاررام پادىشاھى بەنھاداد پۈتۈن قوشۇنىنى توپلاپ، سامارىيە شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇگۇم چۈشكەندە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئارراملارنىڭ بارگاھى تەرەپكە ماڭدى. ئۇلار ئارراملارنىڭ بارگاھىغا يېقىن كەلدى، ئەمما ئۇ يەردە بىرمۇ ئادەمنى كۆرمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite