پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 7:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 لېكىن پادىشاھنىڭ سەركەردىسى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە: _ پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، _ دېدى. ئېلىشا: _ قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇلارنى يىيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ، _ دېدى. Gade chapit la |
ئەتىسى سەھەردە جامائەت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تىقوۋا چۆلىگە بارماقچى بولۇشتى. ئۇلار يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا، يىھوشافات ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشىنىڭلار، شۇندىلا مەزمۇت تۇرىسىلەر، پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىڭلار، شۇندىلا غەلىبە قىلىسىلەر.
لېكىن سىلىنىڭ پەرۋەردىگارلىرى بىر ئىشتا مەن خىزمەتكارلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەي. مېنىڭ پادىشاھىم ئارراملارنىڭ ئىلاھى رىمموننىڭ بۇتخانىسىغا ئىبادەت قىلغىلى بارغاندا، پاداىشاھىم مېنىڭ بىلىكىمگە تايىنىۋالسا، مەنمۇ بىرلىكتە سەجدە قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن. شۇڭا پەرۋەردىگارلىرىنىڭ پېقىرنى كەچۈرۈۋېتىشىنى تىلەيمەن، _ دېدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن نىخەلاملىق شىمايا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى جازالايمەن. خەلقىم ئارىسىدا ئۇنىڭ جەمەتىدىن ھېچكىم ھايات قالمايدۇ. ئۇ مەن خەلقىمگە ئاتا قىلماقچى بولغان بەختنى كۆرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا كۈشكۈرتتى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›»