Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 7:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئاندىن كىشىلەر چىقىپ، ئارراملارنىڭ بارگاھىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، 2 كىلو سۈپەتلىك ئۇن پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، 4 كىلو ئارپىمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 7:16
14 Referans Kwoze  

ئېلىشا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا 2 كىلو سۈپەتلىك ئۇن پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، 4 كىلو ئارپىمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلىدۇ».


ھازىر سىلەرنىڭ ئارغامچىلىرىڭلار يېشىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، كېمەڭلارنىڭ يەلكەن خادىسى مۇستەھكەم بولمىسىمۇ، يەلكىنىڭلار ئېچىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، سىلەر نۇرغۇن ئولجا ئالىسىلەر، ھەتتا ئاقساق-چۇلاقلارمۇ ئولجا ئالالايدۇ.


چېكەتكىلەر زىرائەتلەرنى يەۋەتكەندەك، يات خەلقلەرنىڭ يىغىۋالغان ئولجىلىرىمۇ يوق بولىدۇ. خەلق چېكەتكىلەر يىغىلغاندەك يىغىلىپ، ئۇلارنىڭ ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ.


ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.


ئەمما مەن ئۆز پەيغەمبەرلىرىمنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق يېرۇسالېم توغرىسىدا مۇنداق دېدىم: ‹ھامان بىر كۈنى يېرۇسالېمدا خەلقىم ياشايدۇ.› يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرى توغرىسىدا پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق مۇنداق دېدىم: ‹ئۇلار ھامان بىر كۈنى بۇ خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ.›


ئەي، باشقىلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۆزى ۋەيران قىلىنمىغانلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي ئالدامچىلار، ئۆزى ئالدام خالتىغا چۈشمىگەنلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ۋەيران بولىسىلەر. سىلەر ئالدامچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ئالدىنىسىلەر.


«پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى قېچىشتى.» ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار ئولجىلارنى بۆلۈشتى.


يىھوشافات ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئولجىلارنى يىغقىلى باردى. ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ مال-مۈلۈك، كىيىم-كېچەك، قىممەت باھالىق بۇيۇملار بار ئىدى. ئولجىلار شۇنچىلىك كۆپ ئىدىكى، ئۇلار ئولجىلارنى بىر كۈندە توشۇپ بولالماي، ئۈچ كۈن توشۇدى.


ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بارگاھىنى بۇلاپ-تالىدى.


خۇدا ئىنسان ئەمەس، ئۇ يالغان سۆزلىمەس، خۇدا ئىنساننىڭ بالىسىدەك ئەمەس، ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتمەس. ئۇ دېگىنىنى قىلماي قويماس، ۋەدىسىنى ئورۇندىماي قالماس.


ئۇلار ئارراملارنىڭ قوشۇنىنى تاكى ئىئوردان دەرياسىغىچە ئىز قوغلاپ باردى. پۈتۈن يوللار ئارراملار ئالدىراپ قاچقاندا تاشلاپ كەتكەن كىيىم-كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، پادىشاھقا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى.


بايلىق بولدى ھەممىسىگە بۇ ئولجىلار، باي بولدى ھەتتا ئۆي-ماكانسىز پادىچىلار، ئىگە بولدى يەنە كۈمۈش قاناتلىق، ئالتۇن پەيلىك كەپتەرلەرگە ئۇلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite