Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 7:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىغا كېلىپ، دەرۋازىۋەنلەرگە توۋلاپ: _ بىز ئارراملارنىڭ بارگاھىغا بارغانىدۇق، بارگاھتا ئادەممۇ، ھېچبىر سادامۇ يوق. پەقەت ئات، ئېشەكلەرلا باغلاقلىق تۇرۇپتۇ، چېدىرلىرىمۇ شۇ پېتى قاپتۇ، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 7:10
9 Referans Kwoze  

ئۆينى سالمىسا ئۆزى پەرۋەردىگار، ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىكار كېتەر. ناۋادا شەھەرنى قوغدىمىسا پەرۋەردىگار، بىھۇدىدۇر ئويغاق تۇرسىمۇ قاراۋۇللار.


دەرۋازىۋەنلەر توۋلىشىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھ ئوردىسىغا يەتكۈزۈشتى.


كۆزەتچى يەنە بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرۋازىۋەنگە قاراپ: _ قاراڭلا، يەنە بىر ئادەم يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ! _ دەپ توۋلىدى. پادىشاھ: _ ئۇمۇ چوقۇم ياخشى خەۋەر يەتكۈزگىلى كېلىۋاتقان ئادەم، _ دېدى.


ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىگە: _ بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىز توغرا بولمىدى. بۈگۈن بىز خۇش خەۋەر يەتكۈزسەك بولاتتى. لېكىن بىز ئۈن-تىنسىز يۈرۈۋاتىمىز. ئەگەر بىز سەھەرگىچە ساقلايدىغان بولساق، بېشىمىزغا بالا كېلىدۇ. ئەمدى بىز بېرىپ، پادىشاھقا خەۋەر يەتكۈزەيلى، _ دېيىشتى.


ئۇلار يەنە لاۋىيلاردىن تۆۋەندىكى ئادەملەرنى تاللاپ، ئۇلارغا ياردەمچى قىلدى: زىكىرىيا، يائازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، بىنايا، مائاسېيا، ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ۋە دەرۋازىۋەنلەردىن ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېل.


ئۇلار بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئوبېد-ئىدوم ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 68 كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويدى. يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبېد-ئىدوم بىلەن خوساھنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى.


ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىغا دەرۋازىۋەنلەرنى تۇرغۇزۇپ، ھەرقانداق ناپاك ئادەمنىڭ كىرىشىنى چەكلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite