2 ئىجازەت بەرگەن بولسىلا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى دەرەخلەردىن كېسىپ، ئۆزىمىزگە شۇ يەردە ئۆي سالساق، _ دېيىشتى. ئېلىشا: _ بېرىڭلار! _ دېدى.
دەرۋەقە، خۇداغا رازىمەنلىك بىلەن ئىخلاسمەن بولغان ئادەم ھەقىقىي روناق تاپىدۇ.
ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمىگەنىدۇق. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، تىرىشىپ-تىرمىشىپ، كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلىگەنىدۇق.
قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىگەنلىكىمىز جەزمەن ئېسىڭلاردا باردۇر. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلەپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىساق، يەنە بىر تەرەپتىن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.
ئەجەبا، پەقەت بارنابا بىلەن مەنلا ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن تەمىنلەنمەي، ئۆز ئەمگىكىمىز بىلەن كۈن كەچۈرۈشىمىز كېرەكمۇ؟
ئۇلارنىڭ يېنىدا قېلىپ ئىشلىدى. چۈنكى، بۇرۇندىن چېدىر ياساش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كەسىپداش چىقىپ قالدى.
سىمۇن پېترۇس: - مەن بېلىق تۇتقىلى بارىمەن، - دېدى. كۆپچىلىك: - بىزمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمىز، - دېيىشتى. ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ، كېمىگە ئولتۇردى، لېكىن كېچىچە ھېچ نەرسە تۇتالمىدى.
بىر كۈنى پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكىلەر ئېلىشاغا: _ ئۇستاز، كۆرۈپ تۇرۇپلا، بىز تۇرۇۋاتقان بۇ جاي بىزگە بەك كىچىك بولۇپ قالدى.
پەيغەمبەرلەردىن بىرى: _ خاپا بولماي، بىز بىلەن بىرگە بارغان بولسىلا، _ دېدى. ئېلىشا: _ بولىدۇ، باراي، _ دېدى.