Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 3:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 يورام پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئاتىسى بىلەن ئانىسىنىڭكىگە يەتمەيتتى. ئۇ ئاتىسى ياساتقان بائالنىڭ بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى كۆزدىن يوقاتقان بولسىمۇ،

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 3:2
14 Referans Kwoze  

يېھۇ پۈتۈن خەلقنى جەم قىلىپ، ئۇلارغا: _ ئاخاب بائالنىڭ خىزمىتىنى ئاز قىلغانىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭ خىزمىتىنى كۆپ قىلماقچىمەن.


(ھېچكىممۇ ھازىرغىچە ئاخابقا ئوخشاش يامانلىققا بېرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ باقمىغانىدى. ئۇنى خوتۇنى ئىزەبەل ئازدۇرغانىدى.


ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار، چوقۇنماڭلار، قىلىقلىرىنى دورىماڭلار. ئۇلارنىڭ بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتىۋېتىڭلار.


ئامون ئاتىسى ماناسسەگە ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.


ئۇ ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، باخشىلىق ۋە ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلەشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان نۇرغۇن گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.


يېھۇ ئۆيگە كىرىپ، يەپ-ئىچىپ، ئاندىن: _ سىلەر بېرىپ، ئاۋۇ قارغىش تەگكۈر خوتۇننى كۆمۈۋېتىڭلار، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ پادىشاھنىڭ قىزى ئەمەسمۇ، _ دېدى.


يورام يېھۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: _ تىنچ-ئامان كەلدىڭمۇ؟ _ دېدى. يېھۇ: _ ئاناڭ ئىزەبەلنىڭ بۇتپەرەسلىكى بىلەن جادۇگەرلىكى شۇنچە جىق تۇرسا، قانداقمۇ تىنچ-ئامانلىق بولسۇن؟ _ دېدى.


ئىلياس يېتىپ بارغاندا، ئاخاب ئۇنىڭغا: _ ئەي دۈشمىنىم، مېنى تېپىۋالدىڭمۇ؟ _ دېدى. ئىلياس جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ شۇنداق، سېنى تېپىۋالدىم، چۈنكى سەن يامانلىققا بېرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدىڭ.


بۇ ئۇنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ياروبئامنىڭ يولىدا ماڭغانلىقىدىن ئىدى. ئۇ ياروبئامدەك بۇتپەرەسلىك قىلىپلا قالماي، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىمۇ بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەنىدى.


سەن نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، جەڭ ئولجىلىرىنى ئېلىشقا ئالدىراپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشنى قىلدىڭ؟ _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite