Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 3:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئاخابنىڭ ئوغلى يورام سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 3:1
5 Referans Kwoze  

دەرۋەقە پادىشاھ ئاخازيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك ئۆلدى. ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغاچقا، ئىنىسى يورام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. بۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھورامنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىدى. يىھورام يىھوشافاتنىڭ ئوغلى ئىدى.


ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 5-يىلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ئوغلى يىھورام تەختكە چىقىپ، پادىشاھ بولدى.


يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 17-يىلى ئاخابنىڭ ئوغلى ئاخازيا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ سامارىيەدە ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە ۋە ئىدوم پادىشاھلىرى بىرگە يولغا چىقتى. لېكىن ئۇلار يەتتە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، قوشۇنلىرى ۋە ئات-ئۇلاغلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۈيى قالمىدى.


ئاخازيا ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە كىرىپ، ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا ئەگىشىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە باردى. ئارراملار يورامنى يارىلاندۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite