Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 23:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 پۈتۈن خەلق، يەنى روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر، يەھۇدىيەلىكلەر، يېرۇسالېملىقلار مەيلى ياش، مەيلى قېرى بولسۇن ھەممىسى پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىشتى. پادىشاھ ئۇ يەردە ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنامىنى تولۇق ئوقۇپ بەردى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 23:2
18 Referans Kwoze  

باش روھانىي خىلقىيا پۈتۈكچى شافانغا: _ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تەۋرات قانۇنى يېزىلغان بىر يازمىنى تاپتىم، _ دېدى ۋە يازمىنى ئۇنىڭغا بەردى. شافان ئۇنى ئوقۇدى.


مەن يەنە ئۆلۈكلەرنى كۆردۈم. كاتتا ياكى ئەرزىمەس بولسۇن، ھەممىسى تەختنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. كىتابلار ئېچىلدى. «ھاياتلىق دەپتىرى» دېيىلگەن يەنە بىر كىتابمۇ ئېچىلدى. ئۆلۈكلەر كىتابلاردا خاتىرىلەنگەنلەر بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى.


بىراق، خۇدا بۈگۈنگىچە ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى قوغدىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن بۇ يەردىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىمۇ ھەزرىتى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. مېنىڭ ئېيتقانلىرىم مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ھەققىدە ئالدىن ئېيتقانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.


ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلسا ئەگەر، كىچىكىدىن-چوڭىغىچە بەرىكەت بېرەر.


مەيلى مەرتىۋىلىك بولسۇن، مەيلى مەرتىۋىسىز بولسۇن، ھەممە ئادەم ئۇ يەرگە بارىدۇ. قۇللار قۇلدارلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئازاد بولىدۇ.


ئارقىدىنلا پادىشاھ يەنە سۇزا قەلئەسىدىكى پۈتۈن كىشىلەرگە مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قارىماي، ئوردا گۈللۈكىدە يەتتە كۈن زىياپەت بەردى.


ئۇ كۈنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن يازمىلار جامائەتكە ئوقۇپ بېرىلدى. يازمىلاردا ئاممونلار ۋە موئابلارنىڭ ئىبادەتكە قاتناشسا قەتئىي بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بايقالدى.


ئۇلار بىر كۈننىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدا پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ قانۇنىنى ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىدى. ئاندىن يەنە تۆتتىن بىر قىسمىدا گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلدى.


ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە خەلققە تەلىم بېرىشتى.


كىمكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىدا ماڭمىسا، مەيلى قېرى-ياش بولسۇن، مەيلى ئەر-ئايال بولسۇن، ھەممىسى بىردەك ئۆلتۈرۈلىدىغان بولدى.


ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى.


شەھەردىكى ئاياللار مەيلى ياش ياكى قېرى بولسۇن، ھېچقايسىسىنى ئۆلتۈرمەي، ھەممىسىنى ئوغۇل-قىزلىرى بىلەن بىرگە ئەسىرگە ئېلىپ ئەكەتكەنىدى.


ئەمما ئۇلار ئۇنى يۆتكىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئېغىر جازاسى ئۇ يەردىكىلەرنىڭمۇ بېشىغا چۈشتى، پۈتۈن شەھەرنى ۋەھىمە باستى. پەرۋەردىگار شەھەر ئاھالىسىنىڭ قېرى-ياش ھەممىسىنى ئۆسمە بىلەن جازالىدى.


_ بۇ قانۇن پۈتۈلگەن يازمىنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. ئۇ خۇدانىڭ سىلەرنى ئەيىبلىگەنلىكىگە گۇۋاھ بولسۇن.


ئاندىن تاشقىرىدىكى قېرى-ياش ھەممە ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىشىكنى تاپالمىدى.


پادىشاھ زىدقىيا يېرۇسالېمدىكى بارلىق خەلق بىلەن ئۇلارنىڭ قۇللىرىنى ئازاد قىلىش توغرىسىدا بىر كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite