پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 23:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئاخاز پادىشاھنىڭ خاس سارىيىنىڭ ئۆگزىسىگە سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋە ماناسسەنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىكى ھويلىلىرىغا سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزدۇرۇپ، كۇكۇم-تالقان قىلىپ، ئاندىن قىدرون جىلغىسىغا تۆكتۈرۈۋەتتى. Gade chapit la |
پادىشاھ يوشىيا باش روھانىي خىلقىيا، مۇئاۋىن روھانىيلار ۋە دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىلاھ بائال، ئىلاھە ئاشېرا ۋە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا ئاتاپ ياسالغان بارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقىپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈشكە بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ كۈللىرىنى بەيتەلگە ئاپارغۇزدى.