1 پادىشاھ يوشىيا يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىكى بارلىق ئاقساقاللارنى يىغىلىشقا چاقىردى.
پادىشاھ، ئەمەلدارلار ۋە يېرۇسالېمدىكى پۈتۈن جامائەت بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.
پادىشاھ خىزكىيا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى.
ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى، باشقۇرغۇچىلارنى ئالدىمغا چاقىرىپ كېلىڭلار، مەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغىمۇ دەي. بۇنىڭغا ئاسمان-زېمىن گۇۋاھ بولسۇن.
داۋۇت يەنە ئىسرائىللارنىڭ سەرخىل لەشكەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار جەمئىي 30 مىڭ ئىدى.
پۈتۈن خەلق، يەنى روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر، يەھۇدىيەلىكلەر، يېرۇسالېملىقلار مەيلى ياش، مەيلى قېرى بولسۇن ھەممىسى پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىشتى. پادىشاھ ئۇ يەردە ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنامىنى تولۇق ئوقۇپ بەردى.
يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى شەكەمگە چاقىردى. ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى.
يوشىيا تەختكە چىققان چاغدا 8 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 31 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.