Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 22:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى، چەتنەپ كەتمىدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 22:2
18 Referans Kwoze  

سەن ئىنتايىن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! خىزمەتكارىم مۇسا ساڭا ئۆگەتكەن پۈتكۈل قانۇنلىرىمغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭدىن تېيىپ كەتمىسەڭلا، نەگىلا بارساڭ، ھەممە ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.


شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتمەڭلار.


خىزكىيا خۇددى ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.


سۇلايمان: _ خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇت ساداقەتمەن، ھەققانىي ۋە دۇرۇس ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۇلۇغ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتىڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلىنى تەختىگە ۋارىس قىلىپ، ئۇنى داۋاملىق ئۇلۇغ مېھىر-شەپقىتىڭگە ئىگە قىلدىڭ.


ئايان قىلار ھەتتا بالىمۇ قىلىقلىرىدىن ئۆزىنى، ھەرىكىتىدە پاكلىق ۋە توغرىلىقنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى.


ئوڭ، سولغا چەتلىمەي، ئالغا باسقىن، يىراق تۇت پۇتلىرىڭنى يامانلىقتىن.


خىزكىيا خۇددى ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.


ئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 20 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەجدادى داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخاز پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلمىدى.


ئەگەر سەن ئەمرلىرىمنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنۇپ، يولۇمنى تۇتۇپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا خىزمەتكارىم داۋۇتتەك رىئايە قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، داۋۇتقا قۇرۇپ بەرگىنىمگە ئوخشاش ساڭىمۇ مۇستەھكەم بىر خانىدانلىق قۇرۇپ بېرىمەن ھەمدە ئىسرائىلىيەنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولدى، چۈنكى ئۇ بائالغا چوقۇنماي، ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىدا ماڭدى.


پەرۋەردىگارنىڭ بۇنداق قىلىشى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن ئىدى. داۋۇت خىتلاردىن بولغان ئۇرىيانىڭ ئىشىدىن باشقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ھېچقاچان خىلاپلىق قىلىپ باقمىغانىدى.


پادىشاھ خىزكىيا بۇ ئىشلارنى پۈتۈن يەھۇدىيەدە ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئۆزى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى ۋە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلدى.


يوشىيا تەختكە چىققان چاغدا 8 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 31 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


بۇ زىفانىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيدۇر. زىفانىيا كۇشىنىڭ ئوغلى، كۇشى گىداليانىڭ ئوغلى، گىداليا ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا خىزكىيانىڭ ئوغلىدۇر. بۇ ۋاقىتتا ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ ئىدى.


ئاسا ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.


بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.


ئامازيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەجدادى داۋۇتنىڭكىگە يەتمەيتتى. ھەممىلا ئىشنى ئاتىسى يوئاشتەك قىلغان بولسىمۇ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite