Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 21:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى ھويلىلىرىغا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياساتتى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 21:5
17 Referans Kwoze  

ئوردىنىڭ چوڭ ھويلىسىنىڭ تاملىرىمۇ ھەر ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش ئۈستىگە بىر قەۋەت كېدىر لىمى قويۇلۇپ قوپۇرۇلغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسى ۋە ئايۋىنىنىڭ تاملىرىمۇ شۇنداق قوپۇرۇلغانىدى.


يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئاخاز پادىشاھنىڭ خاس سارىيىنىڭ ئۆگزىسىگە سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋە ماناسسەنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىكى ھويلىلىرىغا سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزدۇرۇپ، كۇكۇم-تالقان قىلىپ، ئاندىن قىدرون جىلغىسىغا تۆكتۈرۈۋەتتى.


پادىشاھ يوشىيا باش روھانىي خىلقىيا، مۇئاۋىن روھانىيلار ۋە دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىلاھ بائال، ئىلاھە ئاشېرا ۋە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا ئاتاپ ياسالغان بارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقىپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈشكە بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ كۈللىرىنى بەيتەلگە ئاپارغۇزدى.


ئۇ يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنى پۈتتۈردى. ھويلا تېمىنى ھەربىر ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش ئۈستىگە بىر قەۋەت كېدىر لىمى قويۇپ، قوپۇرۇپ چىقتى.


ئۇلار تاشقىرىقى ھويلىدىكى خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىشتىن بۇرۇن، خىزمىتىمنى قىلغان چاغدا كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، مۇقەددەس خانىلارغا قويۇپ قويسۇن ۋە ئۈستىگە ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىيىدىغان كىيىمىنى كىيسۇن. بۇ مۇقەددەس كىيىمنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىلماسلىقى ۋە خەلقنىڭ بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇ كىيىم مۇقەددەستۇر.


ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنى كۆتۈرۈپ، ئىچكىرىكى ھويلىغا ئېلىپ كىردى. ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغانىدى.


بۇ ئىمارەتنىڭ ئالدى تەرىپى تاشقىرىقى ھويلىدىكى تاش ياتقۇزۇلغان يولغا قارايتتى. ئىمارەتنىڭ كەينى تەرىپى ئىبادەتخانىنىڭ ئارقىسىدىكى كەڭلىكى 10 مېتىر كېلىدىغان بوش يەرگە قارايتتى. بۇ ئىمارەت ئۈچ قەۋەت سېلىنغانىدى.


ئۇ ئادەم ئىچكىرىكى ھويلىنى ئۆلچىدى. ھويلا تۆت چاسا بولۇپ، ھەربىر تەرىپى 50 مېتىردىن ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا قۇربانلىق سۇپىسى بار ئىدى.


دەرۋازا ئىمارىتىدىكى خانا كارىدورنىڭ تاشقىرىقى ھويلا تەرىپىدە بولۇپ، قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا سەككىز پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى.


ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى ئىچكىرىكى ھويلا ئارقىلىق شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىگە باشلاپ كىردى. ئۇ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنى ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش ئىدى.


ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق ئىچكىرىكى ھويلىغا باشلاپ كىردى ۋە بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىمۇ ئۆلچىدى. بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋە ئۆزى ياساتقان بۇتنى ئېلىپ تاشلىدى. ئۇ يەنە ئىبادەتخانا تېغىدا ۋە يېرۇسالېمدا ياساتقان بارلىق غەيرىي قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چاقتۇرۇپ، شەھەر سىرتىغا تاشلاتتى.


ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى ھويلىلىرىغا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياساتتى.


پادىشاھ يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ئېلىپ چىققۇزۇپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرگۈزدى. ئاندىن كۆيمەي قالغان قالدۇقلىرىنى پارچىلاپ، ئاددىي پۇقرالارنىڭ قەبرىستانلىقىغا چاچقۇزدى.


ئۇ ئىلگىرىكى يەھۇدىيە پادىشاھلىرى يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىشقا قويغان بۇتپەرەس روھانىيلارنى بىكار قىلدى. چۈنكى ئۇلار بائال، كۈن، ئاي، يۇلتۇز تۈركۈملىرى ۋە بارچە يۇلتۇزلارغا قۇربانلىق قىلغانىدى.


سۇلايمان روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ھويلا بىلەن چوڭ ھويلىنى ياساتتى. چوڭ ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ قاناتلىرىنى تۇچ بىلەن قاپلاتقۇزدى.


ئاندىن ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا باشلاپ كىردى. ئىبادەتخانا ئالدىدا، يەنى تاشقىرىقى خانا بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا تەخمىنەن 25 ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كەينىنى قىلىپ، كۈنچىقىش تەرەپكە يۈزلىنىپ، قۇياشقا سەجدە قىلىۋاتاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite