Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 21:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئۇ ئاتىسى خىزكىيا بۇزۇۋەتكەن غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا ئوخشاش ئىلاھ بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 21:3
23 Referans Kwoze  

ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلارنى يوقاتتى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ئۆرۈدى. ئۇ يەنە مۇسا پەيغەمبەر ياسىتىپ قويغان تۇچ يىلاننى پارچە-پارچە قىلىپ بۇزۇۋەتتى. چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇ تۇچ يىلاننى «نىخۇشتان» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىسرىق سالاتتى.


ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىككى دانە موزاينىڭ بۇتىنى ھەم ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياسىدى، شۇنداقلا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا ۋە بائالغا چوقۇندى.


ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلماي، باشقا نەرسىلەرنى ئىلاھ بىلىپ، قۇياش، ئاي ياكى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلسا،


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالەمدىكى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا، ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنماڭلار.


چۈنكى سىلەر پادىشاھ ئومرىنىڭ ناچار ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئوغلى ئاخابنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا شېرىك بولدۇڭلار. ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. ئاھالىلەرنى مەسخىرىگە قويىمەن، سىلەر باشقا ئەللەرنىڭ خورلۇقىغا ئۇچرايسىلەر.»


پارلاق قۇياشنى، ھەرىكەتلىنىۋاتقان تولۇن ئاينى كۆرۈپ،


يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 8-يىلى، گەرچە ئۇ تېخى ياش بولسىمۇ، ئەجدادى داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىنتىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنى غەيرىي سەجدىگاھلاردىن، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىدىن، ئويما ۋە قۇيما بۇتلاردىن تازىلاشقا باشلىدى.


خىزكىيا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سەجدىگاھلىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلغان ئەمەسمىدى؟ ئۇ يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا قۇربانلىق سۇپىسى يېتىدۇ، دەپ ئېيتمىغانمىدى؟


بەلكىم سىلەر ماڭا: ‹بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز› دەپ ئېيتارسىلەر. لېكىن پادىشاھ خىزكىيا ۋەيران قىلىۋەتكەن سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرى دەل پەرۋەردىگارنىڭكى ئەمەسمىدى؟ پادىشاھ خىزكىيا يەھۇدىيە خەلقىگە، جۈملىدىن يېرۇسالېم خەلقىگە پەرۋەردىگارغا پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟»


ئاخازيا ئاخاب جەمەتىدىكىلەر بىلەن نىكاھ مۇناسىۋىتىدە بولغاچقا، ئۇمۇ ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.


يىھورام ئاخابنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.


ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇقىنى ئەكېلىپ تەييار قىلدى. ئاندىن ئەتىگەندىن چۈشكىچە بائالنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئى بائال، بىزگە جاۋاب بەرگەيسەن! _ دېيىشتى. لېكىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى، ھېچكىممۇ جاۋاب بەرمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى سالغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىدا ئۇسسۇل ئويناشتى.


ئىلياس خەلقنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ سىلەر قاچانغىچە ئىككىلىنىپ يۈرىسىلەر؟ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگار «ياھۋەھ»نى ھەقىقىي خۇدا دەپ بىلسەڭلار، «ياھۋەھ»كە ئەگىشىڭلار، ئەگەر بائالنى ھەقىقىي خۇدا دەپ بىلسەڭلار، بائالغا ئەگىشىڭلار، _ دېدى. لېكىن خەلق ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.


_ كېيىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىنى ياسىغاندا، ئۇنىڭ يېنىغا ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ۋە


ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرەر ئەر ياكى ئايال پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرىدە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلسا،


بولمىسا ئۇلار سىلەرنى ئازدۇرۇپ، بۇتقا چوقۇنۇشتەك ھەرخىل يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قارشى ئېغىر گۇناھتۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەلق كۆز ئالدىمدا رەزىل ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى.


ئەمما ئۇلار ياروبئام جەمەتى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىدىن قول ئۈزمىدى ۋە شۇ گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىمۇ سامارىيەدە تۇرىۋەردى.


لېكىن، مەن پەرۋەردىگارنى تاشلىغانلار، مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغانلار، ‹تەلەي› ئىلاھى ئۈچۈن داستىخان سالغانلار، ‹تەقدىر› ئىلاھى ئۈچۈن ھاراق تولدۇرغانلار،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite