Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 21:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 «يەھۇدىيە پادىشاھى ماناسسە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئامورلار قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلاردىنمۇ بەكرەك يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى ھەمدە بۇتپەرەسلىكى ئارقىلىق يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ گۇناھقا يېتەكلىگەنلىكى ئۈچۈن،

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 21:11
21 Referans Kwoze  

ئۇ خۇددى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆزى ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن ئامورلارغا ئوخشاش بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئىنتايىن يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانىدى.)


لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى. ماناسسە ئۇلارنى ئازدۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يوقىتىلغان يات ئەللەردىنمۇ بەكرەك يامان ئىشلارنى قىلدى.


يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل پادىشاھلىقنىڭ خەلقلىرى ئىسرائىل خەلقى دۇچار بولغان پاجىئەلەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بولغاندۇر.


سەن ھەقىقەتەن ئاناڭنىڭ قىزىسەن. ئاناڭ بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئېرىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆچ كۆرگەنىدى. سەنمۇ ئاچا-سىڭىللىرىڭغا ئوخشايسەن، ئۇلارمۇ ئېرى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆچ كۆرىدۇ. سېنىڭ ئاناڭ خىت خەلقىدىن، ئاتاڭ ئامور خەلقىدىندۇر.


ئۇنىڭغا ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سېنىڭ نەسەبىڭ يات كەنئاندىندۇر، سەنمۇ ئۇ يەردە تۇغۇلدۇڭ. ئاتاڭ ئامور خەلقىدىن، ئاناڭ خىت خەلقىدىندۇر.


ئۇ پۈتۈنلەي ئاتىسى ماڭغان يولدا مېڭىپ، ئاتىسى چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى.


ماناسسە يەھۇدىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلەپ گۇناھ قىلغاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتى. يېرۇسالېمنى ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە قان بىلەن بويىدى.


ماناسسە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى.


بۇ ئۇنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ياروبئامنىڭ يولىدا ماڭغانلىقىدىن ئىدى. ئۇ ياروبئامدەك بۇتپەرەسلىك قىلىپلا قالماي، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىمۇ بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەنىدى.


چۈنكى ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى.


ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ۋاز كېچىدۇ.


سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بۇ يەرگە كەلگۈچە، ئۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغىچە بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئامورلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمەيدۇ.


ئەكسىچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئوغلىنىمۇ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى.


شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق مۇنداق دېدى:


ئامون ئاتىسى ماناسسەگە ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.


يوشىيا يەنە باش روھانىي خىلقىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىپ چىققان يازمىغا پۈتۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەھۇدىيەدىكى، جۈملىدىن يېرۇسالېمدىكى بارلىق داخان، باخشىلارنى، بۇتلارنى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى بۇتلارنى، يەنى ھەممە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى يوقاتتى.


نامرات ۋە موھتاجلارنى بوزەك قىلسا، ئوغرىلىق قىلسا، باشقىلار گۆرۈگە قويغان نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا، بۇتقا چوقۇنۇپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلسا،


كەنئاندىن يەنە يىبۇس، ئامور، گىرگاش،


لېكىن يېرۇسالېم رەزىللىك قىلىپ، قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە قوشنا ئەللەردىن بەكرەك خىلاپلىق قىلدى. ئۇ مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite