Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئىلياس ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار مېنى ئېرىخاغا ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. لېكىن ئېلىشا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئىككىيلەن ئېرىخاغا كەلدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 2:4
10 Referans Kwoze  

ئىلياس ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار مېنى بەيتەلگە ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. لېكىن ئېلىشا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن بەيتەلگە قاراپ يولىنى داۋام قىلدى.


شۇنىڭدىن كېيىن يوشۇۋا قەسەم ئىچىپ، مۇنداق دېدى: «كىمكى ئېرىخا شەھىرىنى قايتا قۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن، پەرۋەردىگار شۇنىڭغا لەنەت ياغدۇرىدۇ. كىمكى شەھەرنىڭ ئۇلىنى قويىدىكەن، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى قازا قىلىدۇ. كىمكى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىكەن، ئۇ كەنجى ئوغلىدىن ئايرىلىدۇ.»


ھەزرىتى ئەيسا ئېرىخا شەھىرىگە كىرىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى.


ئايال ئېلىشاغا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۆزلىرىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالنىڭ كەينىدىن ماڭدى.


ئاخاب ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، بەيتەللىك خىئېل دېگەن ئادەم ئېرىخا شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. ئۇ شەھەر سېپىلىگە ئۇل سالىدىغان چاغدا، تۇنجى ئوغلى ئابىرام ئۆلۈپ كەتتى. شەھەر دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىغان چاغدا، كەنجى ئوغلى سىگۇب ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئىشلار خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئارقىلىق يەتكۈزگەن سۆزىدەك بولدى.


بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.


ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم جەم بولۇشۇپ ئەلچىلەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى ۋە دۇئا قىلىشاتتى.


ھاننا روھانىي ئەلىگە: _ تەقسىر، مەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇرۇن بۇ يەردە، يانلىرىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغان ھېلىقى ئايال دەل مەن بولىمەن.


ئىسرائىللارنىڭ ۋەھىمىسىدىن ئېرىخا شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى مەھكەم ئېتىلگەن بولۇپ، ھېچكىمنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا يول قويۇلمىغانىدى.


بىراق رۇت: _ مېنى سىزدىن تېنىشقا ۋە قېشىڭىزدىن كېتىشكە زورلىماڭ. سىز نەگە بارسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن. سىز نەدە تۇرسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە تۇرىمەن. سىزنىڭ خەلقىڭىز مېنىڭمۇ خەلقىم. سىزنىڭ خۇدايىڭىز مېنىڭمۇ خۇدايىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite