Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 2:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئىلياس ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار مېنى بەيتەلگە ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. لېكىن ئېلىشا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن بەيتەلگە قاراپ يولىنى داۋام قىلدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 2:2
17 Referans Kwoze  

ئىلياس ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار مېنى ئىئوردان دەرياسىغا ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. ئېلىشا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن يولغا چىقىشتى.


ئايال ئېلىشاغا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۆزلىرىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالنىڭ كەينىدىن ماڭدى.


ئىلياس ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار مېنى ئېرىخاغا ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. لېكىن ئېلىشا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئىككىيلەن ئېرىخاغا كەلدى.


ھاننا روھانىي ئەلىگە: _ تەقسىر، مەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇرۇن بۇ يەردە، يانلىرىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغان ھېلىقى ئايال دەل مەن بولىمەن.


مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلغاندا، سەمىمىيلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن قىلىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، باشقا ئەللەرمۇ ئالدىمغا كېلىپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇلار مەندىن پەخىرلىنىدۇ.»


8-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى ئۆز مەيلىچە ئىسرائىللارنىڭ ھېيتى قىلىپ بەلگىلىگەن كۈنى بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىسرىق سالدى.


پەرۋەردىگار سىزنىڭ ئۆز قولىڭىز بىلەن قان تۆكۈپ، ئۆچ ئېلىشىڭىزنى توختاتقانىكەن، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سىزنىڭ جېنىڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىزنىڭ دۈشمەنلىرىڭىز ۋە سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى نابالدەك بولىدۇ.


بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى لۇز بولسىمۇ، ياقۇپ ئۇنى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.


ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن ئەمەس. چۈنكى، بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن بولغان بولسا، بىزدىن ئايرىلمىغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى ھېچقايسىسىنىڭ راستتىنلا بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.


ئۇ موزاي بۇتنىڭ بىرىنى بەيتەل شەھىرىگە، يەنە بىرىنى دان شەھىرىگە قويغۇزدى.


سائۇل داۋۇتنىڭ ھېلىقى فىلىستىيەلىكنىڭ ئالدىغا ئېلىشىشقا چىققانلىقىنى كۆرۈشى ھامان، قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئابنېردىن: _ ھەي ئابنېر، بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن؟ _ دەپ سورىغانىدى. _ ئى پادىشاھى ئالەم، نامىڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن راستتىنلا بىلمەيدىكەنمەن، _ دېگەنىدى ئابنېر.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ياروبئام مەسلىھەتچىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئالتۇندىن ئىككى موزاينىڭ بۇتىنى ياسىتىپ، خەلققە: _ ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشىڭلار ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىكتۇر. قاراڭلار، مانا بۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىڭلاردۇر! _ دېدى.


ئېلىشا ئېرىخادىن بەيتەلگە ماڭدى. شۇ چاغدا شەھەردىن بىر توپ بالىلار چىقىپ: «كېتە تاز، كېتە تاز!» دەپ زاڭلىق قىلىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite