Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگار ئىلياسنى قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانغا ئاز قالغاندا، ئىلياس بىلەن ئېلىشا ئىككىسى گىلگالدىن يولغا چىققانىدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 2:1
15 Referans Kwoze  

ئۇ ھاياتىنى خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكۈزۈپ، بىر كۈنى كۆزدىن غايىب بولدى. چۈنكى خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ھانۇخ ئۆلمەي تۇرۇپلا ئەرشكە كۆتۈرۈلدى. ھېچكىم ئۇنى تاپالمىدى، چۈنكى خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى. ئەرشكە كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلغان ئادەم ئىكەنلىكى جاكارلانغانىدى.


پەرۋەردىگار: _ سەن غاردىن چىقىپ، تاغدا ھۇزۇرۇمدا تۇرغىن، مەن يېنىڭدىن ئۆتىمەن، _ دېدى. شۇ ئەسنادا قاتتىق بوران تاغلارنى يېرىپ، قورام تاشلارنى پارچىلىۋەتتى، لېكىن پەرۋەردىگار بوران بىلەن كەلمىدى. بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەر تەۋرىدى. لېكىن پەرۋەردىگار يەر تەۋرەش بىلەنمۇ كەلمىدى.


پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ بۈگۈن مەن سىلەردىن مىسىردا قۇل بولۇپ تارتقان خورلۇقۇڭلارنى ئېلىپ تاشلىدىم. شۇڭا بۇ يەر شۇنىڭدىن بېرى «گىلگال» [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئېلىپ تاشلاش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.


خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ سىرتىدىكى گىلگالدا قارارگاھ قۇرغان ۋاقىت 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگە توغرا كەلدى.


ئىككى پەيغەمبەر ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ: «بۇ ياققا چىق!» دېگەن لىكىنى ئاڭلىدى ۋە رەقىبلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بۇلۇت ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بىر پارچە بۇلۇتنىڭ ئورىۋېلىشى بىلەن، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۆلۈپ ئاندىن تىرىلىپ، ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنگە ئاز قالغاندا، يېرۇسالېمغا بېرىشنى قەتئىي قارار قىلدى.


شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قۇيۇننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئايۇپقا مۇنداق دېدى:


كېيىن ئېلىشا گىلگالغا قايتىپ كەلدى. ئۇ زېمىندا ئاچارچىلىق بولۇۋاتقانىدى. بىر كۈنى پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكىلەر ئېلىشانىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى، ئۇ خىزمەتكارىغا: _ چوڭ قازاننى ئېسىپ، پەيغەمبەرلەرگە شورپا قىلىپ بەر، _ دېدى.


ئۇلار پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى، بىردىنلا ئوت يالقۇنلاپ تۇرغان ئاتلار قېتىلغان ھارۋا پەيدا بولۇپ، ئىككىيلەننى ئايرىۋەتتى. ئىلياس قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.


ئۆزى بىر كۈنلۈك يول يۈرۈپ، چۆلگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، بىر چاتقال تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا: _ ئى پەرۋەردىگار، يېتەر ئەمدى، تويدۇم، جېنىمنى ئال. مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق يېرىم يوق، _ دەپ خىتاب قىلدى.


مەن سىلىنىڭ يانلىرىدىن كەتسەم، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سىلىنى مەن بىلمەيدىغان يەرگە ئېلىپ كەتسە، مەن بېرىپ، ئاخابقا دېسەم، ئۇ سىلىنى تاپالمىسا، كىچىكىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن مەن خىزمەتكارلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.


پادىشاھ ئاخازيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite