Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 19:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۇ يەنە ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا ۋە يېتەكچى روھانىيلارنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ماتەملىك كىيىم كىيگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 19:2
13 Referans Kwoze  

يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئۇززىيا، يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا زامانىلىرىدا ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا تۆۋەندىكى ۋەھىيلەر كەلدى.


بۇ، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا كەلگەن ۋەھىي:


بۇ ھەقتە يەشايا پەيغەمبەر مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دەپ يازغانىدى: «باياۋاندا بىر كىشى: ˜دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار! ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!


بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان تۆۋەندىكى سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى:


پادىشاھ ئۇززىيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر باشتىن-ئاخىر خاتىرىلەپ قالدۇرغاندۇر.


ئۇلار پادىشاھ خىزكىيانى چاقىرتتى. خىلقىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى، يەنى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى.


داۋۇت يوئاب ۋە كۆپچىلىككە: «كىيىملىرىڭلارنى يىرتىڭلار، ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، ئابنېر ئۈچۈن ھازا تۇتۇڭلار!» دېدى. پادىشاھ داۋۇتمۇ جىنازىنىڭ كەينىدىن ماڭدى.


ساندۇق پۇلغا تولغان ھامان پادىشاھنىڭ خەزىنىچىسى بىلەن باش روھانىي كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنغان بۇ پۇللارنى ساناپ، خالتىغا سالاتتى.


ئۇلار يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى: _ پادىشاھىمىز خىزكىيا ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن قاتتىق ئازاب، تىل-ئاھانەت ۋە خورلۇققا قالغان كۈن بولدى، بىز خۇددى بوۋىقىنى تۇغۇشقا كۈچى يەتمىگەن ئانىغا ئوخشاپ قالدۇق.


پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ بېرىپ، ساپالچىدىن بىر ئىدىش سېتىۋالغىن! بارغىنىڭدا خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە روھانىيلارنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئەگەشتۈرۈپ بارغىن.


پادىشاھ ياكى ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئوقۇلغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، قىلچە قورقمىدى ۋە كىيىملىرىنى يىرتىپ، مەيۈسلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite