8 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ھەم ئوردا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا سوۋغا قىلىپ ئەۋەتتى.
پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا، شۇنداقلا خەلقىڭگە ۋە خان جەمەتىڭگە، ئىسرائىلىيە يەھۇدىيەدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن بۇيان يۈز بېرىپ باقمىغان شۇنداق بىر كۈننى سالىدۇ. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى باشلاپ كېلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىسىدىن ۋە ئوردىدىكى خەزىنىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، دەمەشقتىكى ئاررام پادىشاھى بەنھادادقا تۆۋەندىكى تەكلىپ بىلەن بىرگە ئەۋەتتى:
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۆز خەلقىڭ بولغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى تەرك ئەتتىڭ، چۈنكى ئۇلار ئۆز زېمىنىنى كۈنچىقىشتىكى ئەللەرنىڭ خۇراپاتچىلىقىغا پاتۇردى، فىلىستىيەلىكلەردەك رەمچىلەرگە تولدۇردى. يات ئەللەر بىلەن ئاپاق-چاپاق بولدى.
شۇڭا سىلەر موراشىتگات ئاھالىلىرىگە خوشلىشىش سوۋغاڭلارنى بېرىڭلار. ئاكزىب شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنى ئالدايدۇ.
پادىشاھ يوئاشنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.
ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى. مىناخېم تىگلات-پىلئەسەرگە 36 توننا كۈمۈش بېرىپ، ئۇنىڭدىن پادىشاھلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆتۈندى.
ئاسسۇر پادىشاھى شالمانئەسەر ھوشىياغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى. ھوشىيا ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئالۋان-سېلىق تاپشۇرىدىغان بولدى.