3 شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ئاررام پادىشاھى خازائېلنىڭ ۋە خازائېلنىڭ ئوغلى بەنھادادنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.
خازائېلنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى يېھۇ ئۆلتۈرىدۇ، يېھۇنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى ئېلىشا ئۆلتۈرىدۇ.
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى قايناپ تېشىپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا، يەنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ بېرىپ، ئۇلارغا قارشى تۇرالمايدىغان قىلىپ قويدى.
شۇ ۋاقىتتا ئاررام پادىشاھى خازائېل گاتقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ئىگىلىۋالدى. ئۇ يەنە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يېقىنلاپ كەلدى.
چۈنكى، خۇدايىمىز ھەممىنى ھالاك قىلالايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ.
يىھوئاخاز ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا، ئىسرائىللار ئاررام پادىشاھى خازائېل تەرىپىدىن قايتا-قايتا زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ،
شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئاررام-ناھارايىم پادىشاھى كۇشان-رىشئاتايىمنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 8 يىل ئۇنىڭغا قۇل بولدى.
ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ.
مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.
مەن دەمەشق سېپىللىرىغا ئوت قويۇپ، بەنھادادنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمەن.»
مەن ئىلگىرى مىسىرلىقلارنى مۇپتىلا قىلغان ۋاباغا سىلەرنىمۇ مۇپتىلا قىلدىم. باھادىر يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچتا ئۆلتۈردۈم. ئاتلىرىڭلار تارتىۋېلىندى. بارگاھلىرىڭلارنى ئۆلۈكلەرنىڭ سېسىق پۇرىقى بىلەن تولدۇردۇم. شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
نەتىجىدە پەرۋەردىگار بارلىق ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى رەھىمسىز دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈردى. ئاخىرىدا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلدى.