1 ئاخازيانىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلى يېھۇنىڭ ئوغلى يىھوئاخاز سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
يوئاش تەختكە چىققان چاغدا 7 ياشتا ئىدى.
يەتتىنچى يىلى باش روھانىي يىھويادا كارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ياللانما لەشكەرلەر ۋە مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ يۈزبېشىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا يىغدى. باش روھانىي ئۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ پىلانى ھەققىدە كېلىشتى ۋە ئۇلارغا قەسەم ئىچكۈزدى. ئۇ ئۇلارغا پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى كۆرسىتىپ،
ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 22 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئومرىنىڭ نەۋرىسى ئاتاليا ئىدى.
ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ئەمەلدارلارنىڭ بىرى شىمئاتنىڭ ئوغلى يوزاباد، يەنە بىرى شومېرنىڭ ئوغلى يىھوزاباد ئىدى. يوئاش «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامازيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، گۇناھلاردىن قول ئۈزمەي، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىنى داۋاملاشتۇردى.
پەرۋەردىگار يېھۇغا: _ سەن مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاخابنىڭ جەمەتىنى مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك بىر تەرەپ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ تۆتىنچى ئەۋلادىڭغىچە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىدۇ، _ دېدى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى يېھۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يەتتىنچى يىلى يوئاش يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولۇپ، يېرۇسالېمدا قىرىق يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەرشەبا شەھىرىدىن بولۇپ، ئىسمى زىبياھ ئىدى.
يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 37-يىلى يىھوئاخازنىڭ ئوغلى يىھوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
(پەرۋەردىگارنىڭ يېھۇغا «سېنىڭ نەسلىڭ تۆتىنچى ئەۋلادقىچە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىدۇ» دېگەن سۆزى دەرۋەقە ئەمەلگە ئاشتى.)