Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 12:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 سىلەر ھەدىيە قىلىنغان بۇ پۇللارنى ئېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ قايسى يېرى بۇزۇلغان بولسا، شۇ يەرنى ئوڭشىتىڭلار، _ دېگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 12:5
14 Referans Kwoze  

خەلقىڭلاردىن ئادەملەر چىقىپ، كونا خارابىلىكىڭلارنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇرۇنقى ئۇللارنىڭ ئۈستىگە ئۆيلەرنى سالىدۇ. سىلەر ‹سېپىللارنى رېمونت قىلغۇچى› ۋە ‹مەھەللىلەرنى ياسىغۇچى› دەپ ئاتىلىسىلەر.


ئۇ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ، خەلقتىن سېلىق يىغىڭلار. ھەر يىلى يىغىلغان سېلىقنى ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىڭلار. بۇ ئىشنى دەرھال باشلاڭلار. لېكىن لاۋىيلار بۇ ئىشنى دەرھال باشلىمىدى.


تامچىلار ۋە تاشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرەتتى. ئۇلار يەنە ياغاچلار ۋە يونۇپ تەييارلانغان تاشلارنى سېتىۋالاتتى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىشقا كەتكەن چىقىملارنىڭ ھەممىسىنى تۆلەيتتى.


ئۇ سۇلايمانغا قارشى چىقىشتىن بۇرۇن مۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەنىدى: سۇلايمان تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىغا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»نىڭ سېپىللىرىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى.


(رەزىل ئايال ئاتاليانىڭ شېرىكلىرى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەردىكى پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى بائالنىڭ مۇراسىمىدا ئىشلەتكەنىدى.)


بۇرۇن يوئاش روھانىيلارغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنىدىغان پۇللارنى، يەنى مەيلى ئادەملەرنى رويخەتكە ئېلىش ھەققى بولسۇن، مەيلى ئادەم ئورنىغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ياكى خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە بولسۇن، ھەممىسىنى يىغىپ كېلىڭلار.


لېكىن پادىشاھ يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلىغا كەلگەندىمۇ، روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تېخىچە ئوڭشاتمىغانىدى.


رويخەتكە ئېلىنغانلار تۆلەيدىغان بەدەل پۇلى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە كىشى بېشىغا ئالتە گىرامدىن كۈمۈش بولسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە ھېسابلانسۇن.


_ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا مەلۇم بىر ئادەمنى ئاتاشقا ئالاھىدە قەسەم قىلغان بولسا، ئاتالغان ئادەمنىڭ ئىش قىممىتى بويىچە مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمىدە پۇل ھەدىيە قىلسۇن: يىگىرمە ياشتىن ئاتمىش ياشقىچە بولغان ئەرلەر ئۈچۈن 600 گىرام كۈمۈش،


ماڭا ھەدىيە قىلىنغان تۇنجى ئوغۇللار ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ھايۋانلارمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن. لېكىن خەلق تۇنجى ئوغۇل ۋە ناپاك ھايۋاننىڭ تۇنجى ئەركەك پۇشتىنى سىلەرگە ھەق تۆلەپ، قايتۇرۇۋالسۇن.


_ سەن باش روھانىي خىلقىيانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئېيتقىن. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا يىغىلغان پۇللارنى، يەنى دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىيلار خەلقتىن يىغىلغان پۇللارنى تەييارلاپ،


شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، قەبىلە باشلىقلىرى، مىڭبېشىلار، يۈزبېشىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى ئۆز سوۋغاتلىرىنى خالىس ھالدا ھەدىيە قىلدى.


خەلق چىن دىلىدىن خۇداغا ئاتاپ ھەدىيە بەرگەن بۇ ئادەملەردىن سۆيۈندى. پادىشاھ داۋۇتمۇ خۇرسەن بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite