Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 12:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 بۇرۇن يوئاش روھانىيلارغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنىدىغان پۇللارنى، يەنى مەيلى ئادەملەرنى رويخەتكە ئېلىش ھەققى بولسۇن، مەيلى ئادەم ئورنىغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ياكى خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە بولسۇن، ھەممىسىنى يىغىپ كېلىڭلار.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 12:4
33 Referans Kwoze  

_ سەن باش روھانىي خىلقىيانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئېيتقىن. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا يىغىلغان پۇللارنى، يەنى دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىيلار خەلقتىن يىغىلغان پۇللارنى تەييارلاپ،


«خالىغىنىڭلار مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇڭلار: ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ،


مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇشنى خالىغان ئىسرائىللار خالىس ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىشىپ، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان بارلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تەقدىم قىلىشتى.


ھەدىيە سۇنۇشقا رازى بولغان ئەرلەر ۋە ئاياللار بۇلاپكا، ھالقا، ئۈزۈك ۋە بىلەزۈك قاتارلىق ھەر خىل ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئەكېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىدى.


چۈنكى، باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقان بايلىقلىرىدىن ئىئانە قىلدى. لېكىن، بۇ ئايال نامرات تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ بارلىق تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنى ئىئانە قىلدى، - دېدى.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە بابىل ئۆلكىسىدىكى خەلقلەردىن يىغىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، ئىسرائىللار ۋە روھانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا خالىس سۇنۇلغان ھەدىيەلەرنى ئالغاچ كەتكەيلا.


ئۇلار خەزىنىگە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە جەمئىي 61,000‏ ئالتۇن تەڭگە، 3000 كىلو كۈمۈش ۋە 100 قۇر روھانىي تونىنى ھەدىيە قىلدى.


ھەممە قولۇم-قوشنىلار ئۇلارغا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، مال-مۈلۈك، چارۋا مال ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى ياردەم قىلغاندىن باشقا، يەنە ئىبادەتخانا ئۈچۈن خالىس ھەدىيەلەرنى سۇندى.


يوشىيا روھانىيلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خىزمىتىنى ياخشى قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.


ئۇلار خەلق ئىئانە قىلغان نەرسىلەر، ئوندىن بىر ئۈلۈش نەرسىلەر ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان باشقا نەرسىلەرنى ئامبارلارغا ساداقەتلىك بىلەن ئەكىرىپ قويدى. بۇ ئىشقا لاۋىيلاردىن بولغان كونانيا مەسئۇل بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى شىمئى ياردەمچىسى بولدى.


ئۇ ئاتىسى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلەرنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملارنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى.


ئى خۇدايىم، سېنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى سىنايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن دۇرۇس ئادەملەردىن خۇرسەن بولىسەن. مەن بەرگەن نەرسىلەرنى چىن دىلىمدىن ساڭا ئاتىدىم، شۇنداقلا مەن بۇ يەردە تۇرغان خەلقىڭنىڭ بايلىقلىرىنى خۇشاللىق ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ساڭا تەقدىم قىلغانلىقىنى كۆردۈم.


يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاش يەھۇدىيەنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھلىرى بولغان ئاتا-بوۋىلىرىدىن يىھوشافات، يىھورام، ئاخازيا ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بارلىق ئالتۇنلارنى ئېلىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن خازائېل يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلماي چېكىندى.


ۋاھالەنكى، پادىشاھ سۇلايمان ئۆز ئوردىسىنى سالدۇرۇشقا 13 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى.


ناۋادا ماڭا تەۋە ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى باھاسىغا يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن.


ئۇلار مۇسادىن ئىسرائىللارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ياسىلىشىغا ھەدىيە قىلغان بارلىق سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. كىشىلەر ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى خالىس ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى.


پادىشاھ داۋۇت بۇ نەرسىلەرنى ۋە بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى.


سىلەر ھەدىيە قىلىنغان بۇ پۇللارنى ئېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ قايسى يېرى بۇزۇلغان بولسا، شۇ يەرنى ئوڭشىتىڭلار، _ دېگەنىدى.


ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنىدىغان ئىبادەتخانا تېخى سېلىنمىغان بولغاچقا، خەلق يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلارغا بېرىپ، قۇربانلىق قىلىپ يۈرەتتى.


سۇلايمان پەرۋەردىگارنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئىزىنى باسقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىق سالاتتى.


لېكىن يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.


بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.


ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردا، ئېگىزلىكلەردە ۋە بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سالدى.


ئۇلار خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كەنئاندىن قوغلاپ چىقارغان يات ئەللەرگە ئوخشاش ئاشۇ ئېگىزلىكلەردە قۇربانلىق سۇنۇپ ھەم رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشكەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite