Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 12:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 12:3
13 Referans Kwoze  

لېكىن يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.


ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلارنى يوقاتتى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ئۆرۈدى. ئۇ يەنە مۇسا پەيغەمبەر ياسىتىپ قويغان تۇچ يىلاننى پارچە-پارچە قىلىپ بۇزۇۋەتتى. چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇ تۇچ يىلاننى «نىخۇشتان» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىسرىق سالاتتى.


بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. يوتەم ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە دەرۋازا ياساتتى.


يىھوشافات پۈتۈنلەي ئاتىسى ئاسا ماڭغان يولدا مېڭىپ، ھېچ ياققا ئېغىشماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. بىراق سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.


گەرچە ئاسا غەيرىي سەجدىگاھلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆمۈر بويى جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ ياشىدى.


ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھۆكۈمرانلىقىمدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. سىلەر: ‹ساڭا ئېتىقاد قىلمايمىز› دېدىڭلار. سىلەر ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا خۇددى پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇتلارغا سەجدە قىلدىڭلار.


ئۇ يېرۇسالېم خەلقىگە: _ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىلىرىنى بېرىڭلار. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئادا قىلىدۇ، _ دېدى.


يوئاش باش روھانىي يىھويادانىڭ ۋاقتىدا ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.


بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.


ئاسا ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.


ئۇززىيا ئاتىسى ئامازياغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.


خىزكىيا خۇددى ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.


يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى، چەتنەپ كەتمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite