پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 10:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 مەكتۇپ ئاقساقاللارغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار پادىشاھ ئاخابنىڭ يەتمىش ئوغلىنى تۇتۇپ، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، كاللىلىرىنى سېۋەتلەرگە سېلىپ، يىزرىئەلدە تۇرۇۋاتقان يېھۇغا ئەۋەتىپ بەردى. Gade chapit la |
يېھۇ ئۇلارغا ئىككىنچى قېتىم مەكتۇپ ئەۋەتىپ: «ئەگەر سىلەر سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مەن تەرەپتە تۇرساڭلار، خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا يىزرىئەلگە، يەنى مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار» دېدى. بۇ چاغدا پادىشاھ ئاخابنىڭ يەتمىش ئوغلى ئۇلارغا ھامىيلىق قىلىۋاتقان شەھەر ئاقساقاللىرىنىڭ يېنىدا ئىدى.