Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 10:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 سامارىيەدىكىلەر قاتتىق قورققان ھالدا: «ئىككى پادىشاھ يېھۇغا تەڭ كېلەلمىگەن يەردە، بىز قانداقمۇ تەڭ كېلەلەيمىز؟» دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 10:4
8 Referans Kwoze  

يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا بۇنى كۆرۈپ، بەيت-ھاگانغا بارىدىغان يول بىلەن قاچتى. يېھۇ ئۇنى قوغلاپ: _ ئۇنىمۇ ئېتىڭلار! _ دېدى. ئۇلار يىبلىئامغا يېقىن بولغان گۇر شەھىرىنىڭ يېنىدىكى تۆپىلىكتە ئۇنى ئاتتى. لېكىن ئۇ مىگىددوغا قېچىپ بېرىپ، شۇ يەردە ئۆلدى.


يېھۇ ياسىغا ئوقنى قويۇپ، يورامنىڭ دۈمبىسىنى چەنلەپ ئېتىۋىدى، ئوق ئۇنىڭ يۈرىكىنى تېشىپ چىقتى. ئۇ ئۆز ھارۋىسىغا يىقىلدى.


شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىر پادىشاھنىڭ ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بولۇپ، يىگىرمە مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ كېلىۋاتقان ئىككىنچى بىر پادىشاھ بىلەن ئۇرۇشقىلى بارماقچى بولسا، ئۇ جەزمەن ئالدى بىلەن ئۆز كۈچىنى سىناپ، رەقىبىگە تاقابىل تۇرالايدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ كۆرىدۇ ئەمەسمۇ؟!


خۇدانىڭ غەزىپى تاشسا، كىممۇ چىدىيالىسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭ غەزەپ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئۇنىڭ غەزىپى خۇددى ئوتتەك ياغىدۇ. قورام تاشلار ئۇنىڭ ئالدىدا پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ.


ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ، ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش، ئىدوملۇقلارنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيمەن. ماڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ كىم مەن بىلەن بەسلىشەلىسۇن؟ قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالىسۇن؟


مەن ئەمدى ئۇنىڭغا غەزەپ ياغدۇرمايمەن. خەلقىمنىڭ دۈشمەنلىرى تىكەن ۋە ئازغانلارغا ئوخشاش ئۈنۈپ چىقىۋەرسۇن! مەن دەرھال ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن،


خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇۋاپىق بىرسىنى تاللاپ، ئاتىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزۇڭلار ھەم خوجايىنىڭلارنىڭ جەمەتى ئۈچۈن ماڭا قارشى جەڭگە چىقىڭلار» دېدى.


ئۇنىڭغا قولۇڭنى بىر تەگكۈزسەڭلا، ئۇنىڭ قانچىلىك قارشىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىسەن ۋە قولۇڭنى قايتا ئاپىرالمايسەن!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite