Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 10:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 شۇنىڭ بىلەن يېھۇ يىزرىئەلدىكى ئاخاب جەمەتىدىن قالغانلارنى، ئاخابقا خىزمەت قىلغان ئەربابلارنى، تونۇش-بىلىشلىرىنى ۋە روھانىيلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرماي قىرىپ تاشلىدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 10:11
25 Referans Kwoze  

ئۇلار جەمەتى ئىچىدە ئۇرۇق-ئەۋلادسىز قالىدۇ، ئۇنىڭ ماكانىدا ھېچكىم ھايات قالمايدۇ.


ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس بولسا دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەر كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز مەڭگۈ ئازابلىنىدۇ.


دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر ئىككىلىسى تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر شۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى.


پەرۋەردىگار ھوشىياغا مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇڭغا «يىزرىئەل» دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى پادىشاھ يېھۇ بۇرۇن يىزرىئەلدە قان تۆككەن. مەن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ خانىدانلىقىنى جازالايمەن، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىمۇ ۋەيران قىلىمەن.


دانالار بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار، ھاماقەتلەرگە ھەمراھ بولغان زىيانغا ئۇچرار.


ئادىشىپ كەتكەنلەرنى ئەگرى يوللارغا، جازالايدۇ پەرۋەردىگار رەزىللەرگە قوشۇپلا، تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا.


قۇرۇتۇلۇپ ئۇنىڭ نەسلى، قالمىسۇن كېيىنكى ئەۋلادلىرى.


ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى روھانىيلارنى قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ ئورنىدا قۇربانلىق قىلدى ۋە ئۇ يەردە ئادەم ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈردى، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.


شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۆزى پەيغەمبەر دەپ قارىغان تەخمىنەن 400 ئادەمنى يىغىپ، ئۇلاردىن: _ مەن راموتقا ھۇجۇم قىلسام بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلغايلا! ئىگىمىز راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.


سېنىڭ جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن. چۈنكى سەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلەپ، غەزىپىمنى قوزغىدىڭ».


ئاندىن ئىلياس ئۇلارغا: _ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار، بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويماڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇلارنى تۇتتى. ئىلياس ئۇلارنى قىشون ئېقىنىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ يەردە قەتل قىلدى.


ئەمدى سەن ئادەم ئەۋەتىپ، بارلىق ئىسرائىلىيە خەلقىنى ۋە ئىزەبەلنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنىدىغان ئىلاھ بائالنىڭ 450 ساختا پەيغەمبىرىنى، شۇنداقلا ئىلاھە ئاشېرانىڭ 400 ساختا پەيغەمبىرىنى كارمەل تېغىغا چاقىرىپ، مېنىڭ ئالدىمغا جەم قىل، _ دېدى ئىلياس.


زىمرى پادىشاھ بولۇپ، تەختكە چىقىپلا باشانىڭ پۈتۈن جەمەتىنى قىرىپ تاشلىدى. ئۇنىڭ جەمەتى ۋە دوست-يارەنلىرىدىن بىرەر ئەر كىشىنىمۇ تىرىك قالدۇرمىدى.


ئۇ تەختكە چىقىشى بىلەنلا ياروبئام جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى قىرىپ تۈگەتتى. پەرۋەردىگار خىزمەتكارى بولغان شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقىنىدەك، باشا ياروبئام جەمەتىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋەتتى.


شۇڭا مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بالايىئاپەت كەلتۈرىمەن. ئىسرائىللار ئىچىدە ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى-ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن. سېنىڭ جەمەتىڭنى نىجاسەتنى يوقاتقاندەك پۈتۈنلەي يوقىتىمەن.


پەرۋەردىگار دۈشمەنلەرنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار ئۇلارنى بۈيۈك سىدون شەھىرى ۋە مىسرېفوت-مايىمغىچە، شۇنداقلا مىزپاھ جىلغىسىنىڭ شەرقىغىچە قوغلاپ بېرىپ، بىرمۇ ئادەمنى تىرىك قالدۇرمىدى.


پەرۋەردىگار لىبناھ شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى بىرنىمۇ تىرىك قالدۇرماي، قىلىچ بىلەن ھەممىسىنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىمۇ خۇددى ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈردى.


يىزرىئەل، يوقدىئام، زانوۋاخ،


يېھۇ سامارىيەگە قاراپ ماڭدى. ئۇ قويچىلار ئۇچرىشىدىغان بەيت-ئېقەدتىن ئۆتكەندە،


يېھۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ئاخابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى ئۆلتۈرگەندە، ئاخازيانىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان يەھۇدىيە سەركەردىلىرىنى ۋە ئاخازيانىڭ جىيەنلىرىنىمۇ ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈردى.


_ ئاخابنىڭ ئالدىمدا گۇناھىغا شۇنچىلىك پۇشايمان قىلغانلىقىنى كۆرگەنسەن؟ ئۇ پۇشايمان قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئاپەتنى ئۇ ھايات ۋاقتىدا كەلتۈرمەيمەن. ئۇنىڭ ئوغلى پادىشاھ بولغاندا، ئاپەتنى ئۇنىڭ جەمەتىگە ياغدۇرىمەن.


سەن خوجاڭ ئاخاب پادىشاھنىڭ جەمەتىنى يوقىتىسەن. مەن شۇ ئارقىلىق خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە مېنىڭ باشقا بارلىق خىزمەتكارلىرىمنىڭ تۆكۈلگەن قېنى ئۈچۈن ئىزەبەلدىن ئىنتىقام ئالىمەن.


مەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ جەمەتى ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىنى قانداق يوقاتقان بولسام، ئاخابنىڭ جەمەتىنىمۇ شۇنداق يوقىتىمەن.


(ئۇنىڭ يورامنى يوقلىشى ئۆزىنىڭ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولدى، چۈنكى خۇدا بۇنى ئىرادە قىلغانىدى.) ئاندىن ئۇلار بىرلىكتە نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن باردى. لېكىن پەرۋەردىگار يېھۇنى ئاخابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى قىرىپ تاشلاشقا تاللىغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite