Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 1:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 پەرۋەردىگار پادىشاھىڭلارغا: ‹مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن ياتقان تۆشىكىڭدىن تۇرالماي، چوقۇم ئۆلىسەن!› دەيدۇ» دېگىن. شۇنىڭ بىلەن ئىلياس پەرىشتىنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 1:4
14 Referans Kwoze  

چۈنكى پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تەۋەدۇر، ئاتىمۇ، بالىمۇ ماڭا تەۋەدۇر. كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ.


يىلان ئايالغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ ياق، ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر!


ئەمما «ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ھەققىدە بىلىم بېرىدىغان دەرەخ»نىڭ مېۋىسىنى ھەرگىز يېمىگىن. چۈنكى ئۇنى يېسەڭ، چوقۇم ئۆلىسەن! _ دېدى.


ھاياتلىققا ئېرىشەر چىن ھەققانىي كىشى، ئۆلۈمگە يۈزلىنەر يامانلىقنى قوغلاشقۇچى.


ئىلياس پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزۈڭنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىڭنى سوراشقا ئەلچى ئەۋەتىپسەن. سەنچە، ئىسرائىلىيەدە سەن سورايدىغانغا خۇدا يوقمۇ!؟ سەن مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن تۆشىكىڭدىن تۇرالماي، چوقۇم ئۆلىسەن! _ دېدى.


پەرۋەردىگار ئەمدى ئىسرائىللارنى سەن بىلەن قوشۇپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. ئەتە سەنمۇ، ئوغۇللىرىڭمۇ مەن بىلەن بىرگە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى.


يامان يامانلىقى تۈپەيلىدىن يىقىلار، ھەققانىي سەكراتتا ياتقاندىمۇ باشپاناھىغا ئۆزىنى تاپشۇرار.


ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: _ يولدا بىر ئادەم بىزنى ئىزدەپ كېلىپ، بىزگە مۇنداق دېدى: «سىلەرنى ئەۋەتكەن پادىشاھىڭلارغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيتىڭلار: ‹سەن ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزۈڭنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىڭنى سوراشقا ئەلچى ئەۋەتىپسەن. سەنچە، ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوقمۇ؟ سەن مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن تۆشىكىڭدىن تۇرالماي، چوقۇم ئۆلىسەن!›»


ئورنۇڭدىن تۇر، ئۆيۈڭگە قايت! شەھەرگە قەدەم بېسىشىڭ بىلەنلا ئوغلۇڭ ئۆلىدۇ.


چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاشۇ چۆلدە چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. دەرۋەقە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادىن باشقىلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى.


ئەلچىلەر قايتىپ كېلىپ، پادىشاھ بىلەن كۆرۈشتى. پادىشاھ ئۇلاردىن: _ سىلەر نېمىشقا شۇنچە تېز قايتىپ كەلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.


شۇنىڭ بىلەن ئىلياس ئاخاب بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئۇ چاغدا سامارىيەدىكى ئاچارچىلىق ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى.


ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ سەن بېرىپ پادىشاھقا: «ئۆزلىرىنىڭ ساقىيىپ كېتىشلىرى مۇقەررەر» دەپ ئېيتقىن، لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلدىكى، ئۇ چوقۇم ئۆلىدۇ، _ دېدى.


پادىشاھ خىزكىيا شۇ مەزگىللەردە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «تەييارلىقلىرىڭنى قىلىپ قوي. ئەمدى سەن بۇ ئالەمدىن كېتىسەن، ساقىيالمايسەن»، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite