پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 1:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھنىڭ سامارىيەدىن كېلىدىغان ئەلچىلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانغىن. سەن ئۇلارغا: «ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن پادىشاھنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىنى سوراشقا كېتىۋاتامسىلەر؟ سىلەرچە ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوقمۇ؟ Gade chapit la |
ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: _ يولدا بىر ئادەم بىزنى ئىزدەپ كېلىپ، بىزگە مۇنداق دېدى: «سىلەرنى ئەۋەتكەن پادىشاھىڭلارغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيتىڭلار: ‹سەن ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزۈڭنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىڭنى سوراشقا ئەلچى ئەۋەتىپسەن. سەنچە، ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوقمۇ؟ سەن مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن تۆشىكىڭدىن تۇرالماي، چوقۇم ئۆلىسەن!›»
كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتى كەلگەندە، ئىلياس پەيغەمبەر قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كېلىپ: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، بۈگۈن سەن بۇ خەلققە ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىڭنى، مېنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ئىكەنلىكىمنى ۋە مېنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەمرىڭ بويىچە قىلغانلىقىمنى بىلدۈرگەيسەن.
سۇلايمان مەندىن ۋاز كېچىپ، سىدونلۇقلارنىڭ ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىدى. ئۇ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي، ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئاتىسى داۋۇت رىئايە قىلغاندەك رىئايە قىلمىدى. شۇڭا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن.