پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 1:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 ئىلياس پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزۈڭنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىڭنى سوراشقا ئەلچى ئەۋەتىپسەن. سەنچە، ئىسرائىلىيەدە سەن سورايدىغانغا خۇدا يوقمۇ!؟ سەن مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن تۆشىكىڭدىن تۇرالماي، چوقۇم ئۆلىسەن! _ دېدى. Gade chapit la |
ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: _ يولدا بىر ئادەم بىزنى ئىزدەپ كېلىپ، بىزگە مۇنداق دېدى: «سىلەرنى ئەۋەتكەن پادىشاھىڭلارغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيتىڭلار: ‹سەن ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزۈڭنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىڭنى سوراشقا ئەلچى ئەۋەتىپسەن. سەنچە، ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوقمۇ؟ سەن مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن تۆشىكىڭدىن تۇرالماي، چوقۇم ئۆلىسەن!›»