Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 1:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىلياسقا: _ ئۇنىڭ بىلەن تۆپىلىكتىن چۈشكىن، ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، _ دېدى. ئىلياس ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 1:15
11 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن، پەقەت ۋە پەقەت مەنلا سىلەرگە تەسەللى بېرەلەيمەن. سىلەر كىمدىن قورقىسىلەر؟ ئۆلىدىغان ئادەمدىنمۇ؟ خۇددى ئوت-چۆپكە ئوخشاش سولىشىپ خازان بولىدىغان ئىنساندىنمۇ؟


ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ گېپىدىن قورقما. گەرچە ئەتراپىڭنى تىكەن ۋە ئازغانلار قاپلاپ كەتسىمۇ ۋە چايانلارنىڭ ئارىسىدا ياشىساڭمۇ ھودۇقما، سۆزلىرىگە ئېرەن قىلما، ئەلپازلىرىغا قاراپ ئەنسىرىمە، چۈنكى ئۇلار ئاسىي خەلقتۇر.


بېلىڭنى باغلا! سەن بېرىپ، بۇ كىشىلەرگە مەن ئېيتقان بارلىق ئەمرلەرنى يەتكۈزگىن. ئۇلاردىن قورقما، بولمىسا مەن سېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ قورقۇنچقا سالىمەن!


تېنىڭلارنى ئۆلتۈرسىمۇ، جېنىڭلارنى ئالالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار. ئەكسىچە، تېنىڭلارنىمۇ، جېنىڭلارنىمۇ دوزاختا ھالاك قىلالايدىغان خۇدادىن قورقۇڭلار.


مەن سېنى بۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم تۇچ تامغا ئوخشاش قىلىمەن. ئۇلار سەن بىلەن جېدەللىشىدۇ، ئەمما يېڭەلمەيدۇ. چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، سېنى قوغدايمەن ۋە قۇتقۇزىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


نىجاتلىقىم ۋە نۇرۇم تۇرسا پەرۋەردىگار، مەن يەنە كىملەردىن قورقۇپ ياشاي؟ ھاياتىمنىڭ قورغىنى تۇرسا پەرۋەردىگار، يەنە كىملەر ئالدىدا تىترەپ تۇراي؟


شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھنىڭ سامارىيەدىن كېلىدىغان ئەلچىلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانغىن. سەن ئۇلارغا: «ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن پادىشاھنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىنى سوراشقا كېتىۋاتامسىلەر؟ سىلەرچە ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوقمۇ؟


ئەمما ئىلياس ئۇنىڭغا: _ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان، مەڭگۈ ھايات، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى جەزمەن ئاخابقا كۆرسىتىمەن، _ دېدى.


بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ: _ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ مىسىردىن ئايرىلدى. چۈنكى، ئۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان خۇدانى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، پادىشاھنىڭ غەزىپىدىنمۇ قورقماي، ئۆز يولىغا مېڭىۋەردى.


ئالدىنقى ئىككى قېتىم ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئىككى ئەللىكبېشى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ماڭا ئىچلىرى ئاغرىسۇن، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite