Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 1:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئىلياس ئۇلارغا: _ ئەگەر مەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، سېنى ئەللىك ئادىمىڭ بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋەتسۇن، _ دېدى. بۇ قېتىممۇ ئاسماندىن خۇدانىڭ ئوتى چۈشۈپ، ئەللىكبېشى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادەمنى كۆيدۈرۈۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم 1:12
6 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئەرشتىن ئوت چۈشۈرۈپ، قۇربانلىقنى، ئوتۇننى، تاشلارنى ۋە توپىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، ھەتتا ئورەكتىكى سۇنىمۇ قۇرۇتۇۋەتتى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىككىنچى قېتىم يەنە بىر ئەللىكبېشىنى ئەللىك ئادەم بىلەن ئىلياسنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئەللىكبېشى ئىلياسقا: _ ئەي خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، پادىشاھ سىزنى: «تۆپىلىكتىن دەرھال چۈشسۇن» دەيدۇ، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۈچىنچى قېتىم يەنە بىر ئەللىكبېشىنى ئەللىك ئادەم بىلەن ئەۋەتتى. ئۈچىنچى ئەللىكبېشى ئىلياسنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: _ ئەي خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، ئۆتۈنەي، ماڭا ۋە ئادەملىرىمگە ئىچلىرى ئاغرىسۇن، جېنىمىزنى ساقلاپ قالغايلا.


شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن بىر ئوت ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى كۆيدۈردى. ئۇلار شۇ يەردە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھالاك بولدى.


ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا يەنە بىرەيلەن كېلىپ: _ ئاسماندىن چاقماق چۈشۈپ، قويلار بىلەن قويچىلارنى ھالاك قىلدى. پەقەت مەن ساق قالدىم، شۇڭا خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite