8 خۇدا يولىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى يوقىتىپ قويماي، خۇدانىڭ تولۇق ئىنئامىغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار.
شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار. بۇ جاسارەتنىڭ ئىنئامى ئىنتايىن زوردۇر.
تۇيۇقسىز كېلىمەن. تاجىڭنى باشقىلارنىڭ تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈڭدە بار بولغاننى چىڭ ساقلا.
ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قويغان ماتېرىياللىرى ئوتقا بەرداشلىق بېرەلىسە، ئۇ كىشى خۇدادىن ئىنئام ئالىدۇ.
تېرىغۇچى بىلەن سۇغارغۇچىنىڭ ئىشى ئۆزئارا ماسلاشقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مەقسىتى بىردۇر ۋە ھەر ئىككىسى قىلغان ئەجرىگە يارىشا خۇدانىڭ ئىنئامىغا ئېرىشىدۇ.
دىققەت قىلىڭلاركى، ھېچكىم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن. سىلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە كۆپچىلىكنى زەھەرلەيدىغان، ئاداۋەتنىڭ گىياھى ئاراڭلاردا يىلتىز تارتمىسۇن.
سىلەر ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار. كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ئىبادەتخانىلاردا قامچىلايدۇ. سىلەر ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ۋالىي ۋە پادىشاھلار ئالدىدا سوراققا تارتىلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولىسىلەر.
ئۇنداقتا، سىلەرنىڭ خۇش خەۋەر يولىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىكار كېتەرمۇ؟
خۇددى ھوسۇل يىغقۇچى ھەققىنى ئېلىۋاتقاندەك، بۇ كىشىلەرنى ماڭا ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلەۋاتقانلارمۇ خۇدادىن تېگىشلىك ئىنئام ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ يىغقان ھوسۇلى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن كىشىلەردۇر. شۇنداق قىلىپ، «تېرىقچى» ۋە «ئورمىچى» تەڭ خۇشاللىنىدۇ.
مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ بىكار كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن!» ۋە «قىيامەت كۈنى يېقىنلاپ قالدى!» دەيدۇ. سىلەر ئۇنداق كىشىلەرگە ئەگەشمەڭلار.
خۇدا قەلبىڭلارنى يورۇتقان ئاشۇ كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. شۇ ۋاقىتلاردا، ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇردۇڭلار.
قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز خۇدا بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىش بىلەن، سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھوشيار بولۇڭلار.
دانا يولباشچىلار ئاسمان گۈمبىزىدەك نۇرلۇق بولىدۇ، كىشىلەرگە توغرا يول كۆرسەتكەنلەر يۇلتۇزلاردەك مەڭگۈ پارلاپ تۇرىدۇ.
«سەنمۇ بەش شەھەرنى باشقۇرىسەن» دەپتۇ خوجايىن.