6 مېھىر-مۇھەببەت خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ ياشاش دېمەكتۇر. خۇدانىڭ ئەمرى بولسا سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا مېڭىشتۇر.
خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ ئەمرلىرىمۇ ئېغىر ئەمەس.
بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تەلىمنى داۋاملىق قەلبىڭلاردا ساقلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ داۋاملىق ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياشاۋاتقان بولىسىلەر.
لېكىن، خۇدانىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلساق، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ھەقىقەتەن مۇكەممەل ئىپادىلىگەن بولىمىز. ئۆزىمىزنىڭ خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلەلەيمىز.
ئەگەر ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە بولغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە بولىسىلەر.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: - مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر.
سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.
كىم ئەمرلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا، مېنى سۆيىدىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مېنى سۆيىدىغان كىشىنى ئاتاممۇ سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىمەن.
ئۇنىڭ ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلگەنىكەنمىز، نېمىنى تىلىسەك، شۇنى بېرىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز.
ھۆرمەتلىك خانىم، ئەمدى مەن سىزدىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، بىز ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك. مەن سىزگە يېزىۋاتقانلىرىم يېڭى بىر ئەمر ئەمەس، بەلكى بىز بۇرۇندىن تارتىپ قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان ئەمردۇر.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئەگىشىڭلار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىڭلار ۋە سادىق بولۇڭلار.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - مېنى سۆيىدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلىدۇ، ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ. ئاتام بىلەن ئىككىمىز مۇنداق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قۇرىمىز.
قەدىرلىك قېرىنداشلار، سىلەرگە بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى بىر ئەمرنى ئەمەس، بەلكى بۇرۇندىن تارتىپ سىلەر قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان كونا ئەمرنى يازماقتىمەن. بۇ ئەمر خۇدانىڭ سىلەر بۇرۇندىنلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆزىدۇر.