Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت 1:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 پەرزەنتلىرىڭىزدىن بەزىلىرىنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن ئالغان ئەمر بويىچە ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت 1:4
12 Referans Kwoze  

بۇرۇن سىلەر قاراڭغۇلۇقتا ئىدىڭلار. لېكىن، ھازىر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، يورۇقلۇققا چۆمدۈڭلار. شۇڭا، سۆز-ھەرىكىتىڭلار چوقۇم يورۇقلۇقتىكى ئادەملەرنىڭكىدەك بولسۇن.


ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.


«خۇداغا باغلىنىپ ياشايمەن» دېگەن كىشى ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ياشىشى كېرەك.


دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن، ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر. ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار، گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار.


لاۋىيلار خەلققە ھەقىقەتنى ئۆگەتتى، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ناتوغرا سۆزلەر چىقمىدى. ئۇلار ئىناقلىق ۋە توغرا يولىدا مەن بىلەن بىرگە ماڭدى. ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىدىن قايتۇرۇپ كەلدى.


ماڭا يەنە بىر قېتىم غەمخورلۇق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ۋە رەببىمىزگە شۈكۈر ئېيتتىم. ھەقىقەتەنمۇ سىلەر ماڭا ئەزەلدىن غەمخورلۇق قىلىپ كەلدىڭلار، لېكىن ئۇنى ئىپادىلىشىڭلارغا پەقەت پۇرسەت بولماي كەلدى.


مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە ئىش قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي بولساڭمۇ، بىراق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغاندىن بېرى يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەردەك ياشاپ كەلدىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلاردىن يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى تەلەپ قىلىسەن؟» دېدىم.


مېھىر-مۇھەببەت ناھەقچىلىكتىن خۇرسەن بولمايدۇ، ئەكسىچە ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite