Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت 1:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 سىلەرگە دەيدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. لېكىن، قەغەز بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، خۇشاللىقىمىزنىڭ تولۇپ تېشىشى ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىپ دىدار كۆرۈشۈپ سۆزلىشىشنى ئەۋزەل بىلدىم.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت 1:12
15 Referans Kwoze  

سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. بىراق، سىلەر ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيسىلەر.


بۇلارنى سىلەرگە خۇشاللىقىمدىن بەھرىمەن بولسۇن ۋە خۇشاللىقى تولۇپ تاشسۇن، دەپ ئېيتتىم.


مەن ئۇنىڭغا يۈزتۇرانە سۆزلەيمەن، يوشۇرۇن مەنىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېنىق قىلىپ سۆزلەيمەن. ئۇ سىياقىمنى كۆرىدۇ. ۋاھالەنكى سىلەر قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەشكە پېتىندىڭلار؟


ھەممىمىزنىڭ خۇشاللىقى تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمىز.


يېنىڭلارغا پات ئارىدا قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن، دۇئا قىلىشىڭلارنى ئالاھىدە ئۆتۈنىمەن.


مانا ئەمدى سېنىڭ يېنىڭغا كېتىمەن. ئۇلارنىڭ قەلبىدە مېنىڭ خۇشاللىقىم تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى دۇنيادىكى ۋاقتىمدا سۆزلىدىم،


ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن.


قېرىندىشىمىز تىموتىينىڭ زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغايسىلەر. يېقىندا يېنىمغا كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە سىلەرنى يوقلاپ بارىمەن.


يەنە بىر ئىش، ماڭا تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ قويغىن. چۈنكى، دۇئالىرىڭلار ئارقىلىق زىنداندىن ئازاد بولۇپ، يېنىڭلارغا قايتىپ بارىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.


ئايرىلغان ۋاقتىمىزدا ئاققۇزغان كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، سەن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. سەن بىلەن كۆرۈشۈش مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ.


قىز چوقۇم ئۆزى بىلەن توي قىلىدىغان يىگىتكە مەنسۇپ بولىدۇ. قولداش بولسا يىگىتنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەنمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشىدىن خۇشاللىنىپ، قىن-قىنىمغا پاتماي قالدىم.


شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بارغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى يۈزىگە سالىمەن. ئۇ بىزگە رەزىل سۆزلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. ھەتتا بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قوبۇل قىلماقچى بولغان كىشىلەرنى توسۇپ، ئۇلارنى جامائەتچىلىكتىن قوغلاپ چىقىرىۋاتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite