11 چۈنكى، ئۇنداق ئادەمنى قارشى ئالغان كىشى ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولغۇچىدۇر.
بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇپ، ئۇنى يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەشكە ئالدىراپ كەتمە، بولمىسا ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن. ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن.
كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇقتا قىلغان ئەھمىيەتسىز يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولماڭلار. ئەكسىچە، ئۇ ئىشلارنى پاش قىلىڭلار.
ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئۇ يەردىن چىقىڭلار، ئەي خەلقىم! بولمىسا شېرىك بولىسىلەر ئۇ شەھەرنىڭ گۇناھلىرىغا. ئۇچرايسىلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە.
دوستلىشىسەن ئوغرى بىلەن، ئارىلىشىسەن زىناخور بىلەن.
چۈنكى، پەقەت سۈتكىلا تايىنىدىغانلار بوۋاقتىن پەرقسىز بولۇپ، ئۇلاردا ھەققانىيەت ھەققىدىكى تەلىملەرنى ئىگىلەش تەجرىبىسى كەمدۇر.
بەزى كىشىلەرنى خۇددى ئوتتىن قۇتۇلدۇرغاندەك، خۇدانىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار. يەنە بەزىلەرگە رەھىم قىلىڭلار. بىراق، سىلەر خۇددى بىر ئادەمنىڭ بۇلغانغان كىيىمىدىن يىرگەنگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىدىن ھەم يىرگىنىڭلار.