Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت 1:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئەگەر بىرەر كىشى سىلەرنىڭ جامائەتچىلىكىڭلارغا ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىنى ئەمەس، بەلكى باشقىچە تەلىم ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا تەكلىپ قىلماڭلار ھەم ئۇنى قارشى ئالماڭلار.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت 1:10
14 Referans Kwoze  

شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ئېتىقادچىلار ئارىسىدا گۇرۇھۋازلىق پەيدا قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇر. بىر-ئىككى قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن يەنە گۇرۇھۋازلىق قىلسا، ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنى ئۈز. بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتتىن چەتنىگەن، گۇناھكار ئادەملەر ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر. ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى ئۆزلىرىنى جازاغا مەھكۇم قىلىدۇ.


قېرىنداشلار، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، كۈن بويى لاغايلاپ يۈرگەنلەردىن يىراق تۇرۇشۇڭلارنى رەببمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمىز.


ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلار بولسا، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ئۇلارنى ئۇيالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئارىلاشماڭلار.


لېكىن، ھازىر مەن ئۆزىنى ئېتىقادچى دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە شەھۋانىي، ئاچكۆز، بۇتپەرەس، تۆھمەتخور، ھاراقكەش ياكى ئالدامچى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىقىڭلارنى، ھەتتا ئۇلار بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماسلىقىڭلارنى يازدىم.


چۈنكى، ئۇنداق ئادەمنى قارشى ئالغان كىشى ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولغۇچىدۇر.


رەببىمىزنى سۆيمىگەنلەرگە لەنەت بولسۇن. ئى رەببىمىز، كەلگەيسەن!


يولدىن ئۆتكەنلەر دېمەس بۇ قۇتلۇق تىلەكنى ئۇلارغا: «ئىگىمىز بەرىكەت بەرسۇن ئىشىڭلارغا، سىلەرگە بەخت تىلەيمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا.»


غوجىدار مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداسەن. خوجايىنىمغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن.


يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر: _ مەن ئارقامغا قايتىپ، ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئۆيلىرىگە بارالمايمەن، مۇشۇ يەردىمۇ سىلى بىلەن بىرگە غىزالىنالمايمەن، ھەم ئۇسسۇلۇق ئىچەلمەيمەن.


«ھۆرمەتلىك ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار! يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلىرىڭلاردىن، يەنى بىز ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەردىن سىلەرگە سالام!


شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بارغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى يۈزىگە سالىمەن. ئۇ بىزگە رەزىل سۆزلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. ھەتتا بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قوبۇل قىلماقچى بولغان كىشىلەرنى توسۇپ، ئۇلارنى جامائەتچىلىكتىن قوغلاپ چىقىرىۋاتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite