9 مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇ يوقسۇللارغا مەردلەرچە سەدىقە بېرەر ئۇنىڭ خەير-ساخاۋەتلىكى مەڭگۈ ئۇنتۇلماس.»
سېخىيدۇر ئۇلار، يوقسۇللارغا بېرەر سەدىقە، مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ھەققانىيلىقى ئۇلارنىڭ، قۇدرەت تېپىپ، نائىل بولار ھۆرمىتىگە كىشىلەرنىڭ.
ئۆيلىرى بايلىققا تولۇپ، دۆلەتمەن بولار، ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈلۈك بولار.
ھەققانىيەت ۋە سادىقلىقنى ئىزدىگەنلەر، چىن ھاياتلىق، ھەققانىيلىق ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشەر.
چۈنكى كىيىمنى كۈيە، يۇڭنى قۇرت يېگەندەك، ئۇلارنىمۇ ئۆلۈم يەپ تۆگىتىدۇ. لېكىن مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. مېنىڭ نىجاتلىقىم ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ.»
مەندە باردۇر بايلىق ۋە شۆھرەت، تۈگىمەس مال-دۇنيا ۋە ھەققانىيەت.
مانا بۇ دۇنيادا ئېتىقاد، ئۈمىد ۋە مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ بولغىنى مېھىر-مۇھەببەتتۇر.
دېھقانغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى ئوزۇق ئاتا قىلغان خۇدا سىلەرنىڭ ھاجەتمەنلەرگە تېخىمۇ مەردلىك بىلەن بېرەلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردە بارنى كۆپەيتىدۇ.