7 ھەركىم قىينىلىپ تۇرۇپ ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئەمەس، ئۆز كۆڭلىدە نىيەت قىلغىنى بويىچە بەرسۇن. چۈنكى، خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ.
بىر كىشى رازىمەنلىك بىلەن چامىسىنىڭ يېتىشىچە بەرسە، بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. خۇدا ھەرگىزمۇ بىركىمدىن ئۆزىدە يوقىنىمۇ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.
ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر ئارقىلىق ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى كۆرسەتتىم. شۇنداق قىلساڭلار، رەببىمىز ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەخت» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارمايسىلەر!
ئى خۇدايىم، سېنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى سىنايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن دۇرۇس ئادەملەردىن خۇرسەن بولىسەن. مەن بەرگەن نەرسىلەرنى چىن دىلىمدىن ساڭا ئاتىدىم، شۇنداقلا مەن بۇ يەردە تۇرغان خەلقىڭنىڭ بايلىقلىرىنى خۇشاللىق ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ساڭا تەقدىم قىلغانلىقىنى كۆردۈم.
_ ئىسرائىللار ماڭا ھەدىيە سۇنسۇن. ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن سۇنغان ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىڭلار.
روناق تاپار مەردلەر، سۇ بەرگەنلەرگە سۇ بېرىلەر.
سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار، چۈنكى ئۇ يوقسۇللارغا ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بېرەر.
رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرۈڭلار؛ ئىئانە بېرىش بولسا، چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن ئىئانە بېرىڭلار؛ باشلامچىلىق قىلىش بولسا، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشلامچىلىق قىلىڭلار؛ رەھىم قىلىش بولسا، خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار.
بىر-بىرىڭلاردىن نارازى بولماي، مېھماندوست ئۆتۈڭلار.
«خالىغىنىڭلار مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇڭلار: ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ،
ئەمما ئالىيجاناب ئادەملەر، ئالىيجاناب پىلانلارنى تۈزىدۇ. ئۇلار ئالىيجاناب ئىشلاردا چىڭ تۇرىدۇ.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلغان قوي، ئاشلىق ۋە شارابتىن ئۇلارغىمۇ سېخىيلىق بىلەن ھەدىيە قىلىڭلار.
قېرىنداشلار، خۇدانىڭ جازاسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماڭلار؛ سوراق قىلغۇچى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
ئەخمەقلەر «ئالىيجاناب» دەپ ئىززەتلەنمەيدىغان بولىدۇ. مەككارلار ئىززەت-ھۆرمەتلىك بولالمايدۇ.
خەلق چىن دىلىدىن خۇداغا ئاتاپ ھەدىيە بەرگەن بۇ ئادەملەردىن سۆيۈندى. پادىشاھ داۋۇتمۇ خۇرسەن بولدى.
بىراق، سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئالمىغاچقا، بۇنداق قىلىشنى خالىمىدىم. سېنىڭ ماڭا مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن ياخشىلىق قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلدىم.