Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 9:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 شۇ سەۋەبتىن، سىلەرنىڭ بېرىشكە ۋەدە قىلغان مەردلەرچە ئىئانەڭلارنى ئالدىنئالا تەييار قىلىشىڭلار ئۈچۈن، بۇ قېرىنداشلارنىڭ يېنىڭلارغا بىزدىن ئاۋۋال بېرىشىنى زۆرۈر تاپتىم. شۇنداق بولغاندا، ئىئانەڭلارنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 9:5
11 Referans Kwoze  

ئەمدى ئاجىزەيىڭىز ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە كەلگەن يىگىتلەرگە بەرسىڭىز.


مېنىڭ سىلىگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايلا، خۇدا ماڭا ياخشىلىق قىلدى. ئۇ ماڭا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېغىشلىدى، _ دېدى ياقۇپ. ياقۇپ ئەساۋدىن سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغاچقا، ئەساۋ ئاخىر نائىلاج قوبۇل قىلدى.


مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، سىلەردىن بىرەر سوۋغات تەلەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ياردىمىڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ سىلەرگە زور بەخت قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىشتۇر.


تىتۇس خېلى بۇرۇن سىلەرنىڭ بۇ مەردلەرچە ئىئانە قىلىشنى باشلىشىڭلارغا ياردەم قىلغانىكەن، ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشىڭلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈندۇق.


ھەر يەكشەنبە كۈنى، ھەربىرىڭلار ھەپتىلىك تاپاۋىتىڭلارغا قاراپ، ئۇنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىئانىگە ئاجرىتىپ توپلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا پۇل توپلىنىپ بولغان بولىدۇ.


نائامان ئادەملىرى بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ مەن ئەمدى پۈتۈن ئالەمدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىدىن باشقا خۇدا يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغايلا، _ دېدى.


داۋۇت زىقلاق شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرىغا، يەنى يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: «بۇ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجىمىز، سىلەرگە سوۋغات بولسۇن» دېدى.


ئاكساھ: _ مەن پەقەت بىرلا نەرسە تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ئاتا، ماڭا بۇلىقى بار يەرلەردىن بەرسىڭىز، چۈنكى ماڭا بەرگەن يەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي چۆللۈكتىكى يەرلەر ئىكەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالىب يۇقىرى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى ئۇنىڭغا بەردى.


بۇ ئىشتا سىلەر بىلەن ماختىنىشىمنىڭ قۇرۇق گەپ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سىلەرنى مېنىڭ ئېيتقىنىم بويىچە تەييارلىق قىلىپ تۇرسۇن دەپ، بۇ ئۈچ قېرىنداشنى يېنىڭلارغا ئەۋەتمەكچىمەن.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئاز تېرىغان ئاز ئالىدۇ، كۆپ تېرىغان كۆپ ئالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite