Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 9:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 سىلەرنىڭ ھەمىشە مەردلىك بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن بەرىكەتلىك قىلىدۇ. بىز سىلەرنىڭ ئىئانەڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بەرگىنىمىزدە، ئۇلار خۇداغا تەشەككۈرلەر ئېيتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 9:11
15 Referans Kwoze  

بىز تارتىۋاتقان مۈشكۈلچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈندۇر. بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ تەشەككۈرلىرى خۇداغا ئېيتىلىپ، خۇدا تېخىمۇ ئۇلۇغلىنىدۇ.


سىلەر قىلغان بۇ ياردەم يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ خۇداغا بولغان شۈكۈرلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.


سىلەرمۇ بىزگە دۇئا قىلىۋاتقانلىقىڭلار سەۋەبىدىن بىز ئۈچۈن قىلىنغان تېخىمۇ كۆپ دۇئالار خۇداغا يېتىپ، خۇدا بىزنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كۆپلىگەن كىشىلەر خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىدۇ.


يەنە كېلىپ، ئۇ توپلانغان ئىئانىلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىش سەپىرىدە بىز بىلەن ھەمسەپەر بولۇش ئۈچۈن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەنىدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىئانە توپلاش ئارقىلىق رەببىمىزنى ئۇلۇغلاش ۋە ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشتۇر.


مېنىڭ سىلەرگە بولغان قىزغىنلىقىمدەك قىزغىنلىقنى تىتۇسنىڭ قەلبىگە سالغان خۇداغا شۈكۈرلەر بولغاي!


چۈنكى، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرگە كۆپ ئىلتىپات كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزى ھەققىدە مول بىلىمگە ۋە بۇ بىلىمنى باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان سۆز قابىلىيىتىگە ئىگە قىلدى.


زادوق جەمەتىدىن بولغان باش روھانىي ئازاريا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە ئەكەلگەندىن بېرى بىز تويغۇچە يەپ-ئىچتۇق، شۇنداقتىمۇ يەنە نۇرغۇنى ئېشىپ قالدى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خەلقىگە بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، مۇشۇنداق كۆپ ئېشىپ قالدى.


رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرۈڭلار؛ ئىئانە بېرىش بولسا، چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن ئىئانە بېرىڭلار؛ باشلامچىلىق قىلىش بولسا، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشلامچىلىق قىلىڭلار؛ رەھىم قىلىش بولسا، خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار.


ئۆز پۇلۇمنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىيلىقىمنى كۆرەلمەيۋاتامسەن-يا؟»


ئىككى مىڭ تەڭگە ئالغىنىمۇ يەنە ئىككى مىڭ تەڭگە پايدا ئاپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite