Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 8:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 بۇ سۆزلىرىمنى سىلەرگە بۇيرۇق تەرىقىسىدە ئېيتقىنىم يوق. مەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنىڭ سەمىمىيلىكىنى ماكېدونىيىدىكى جامائەتچىلىكلەرنىڭ ئىئانە توپلاش جەريانىدا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سىناپ كۆرمەكچىمەن.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 8:8
19 Referans Kwoze  

ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ سۆزلىرىم پەقەتلا بىر تەكلىپ، بۇيرۇق ئەمەس.


مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە ياخشى ئىش قىلىش ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى قانداق رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى.


ھەركىم قىينىلىپ تۇرۇپ ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئەمەس، ئۆز كۆڭلىدە نىيەت قىلغىنى بويىچە بەرسۇن. چۈنكى، خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ.


پاكلىقىمىز، ئەقىل-پاراسىتىمىز، سەۋر-تاقىتىمىز، مېھرىبانلىقىمىز، سەمىمىي مۇھەببىتىمىز ۋە مۇقەددەس روھتىن كەلگەن كۈچ بىلەن ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسەتتۇق.


سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلار پاك قىلىنىپ، ئېتىقادچىلارنى سۆيىدىغان سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولدۇڭلار. شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى ئۆچمەس مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى يار بولغاي!


ئەكسىچە، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى سۆزلەپ، تەننىڭ، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھكە ھەرقايسى جەھەتتە ئوخشاش بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىمىز.


چۈنكى، ياردەم بېرىشتە قىزغىن ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. مەن ماكېدونىيىدىكى ئېتىقادچىلار ئالدىدا يۇنان ئۆلكىسىدىكى سىلەرنىڭ ئۆتكەن يىلدىن بېرى، ئىئانە بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىڭلاردىن ماختىنىپ كەلدىم. دەل سىلەرنىڭ بۇ قىزغىنلىقىڭلار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى ئىئانە توپلاش ئۈچۈن قوزغاتتى.


شۇڭا، سىلەر ھەرقايسى جامائەتچىلىكلەر ئالدىدا ئۇلارغا مۇھەببىتىڭلارنى كۆرسىتىڭلار. شۇنىڭ بىلەن، جامائەتچىلىكلەر بىزنىڭ سىلەردىن ماختىنىشىمىزنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلسۇن.


مەن سىلەرگە پايدىلىق بولغان بىر تەكلىپنى بېرەي. سىلەر ئۆتكەن يىلى پەقەت ئىئانە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنى ئىختىيار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىمۇ ھەممىنىڭ ئالدىدا بولدۇڭلار.


خېتىڭلاردىكى بويىغا يەتكەن قىزلار مەسىلىسىگە كەلسەك، رەببىمىزدىن ئۇلار توغرىسىدا بىرەر ئەمر ئالمىدىم. شۇنداقتىمۇ، ئۆز پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. رەببىمىز ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ سۆزلىرىم ئىشەنچلىكتۇر.


قالغانلىرىڭلارغا كەلسەم، گەرچە بۇ توغرۇلۇق رەببىمىزدىن ھېچقانداق بۇيرۇق ئالمىغان بولساممۇ، لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن ئەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئايالى ئېتىقاد قىلمىغان بولسا بىراق داۋاملىق بىرگە ياشاشقا رازى بولسا، ئۇ چاغدا ئېرى ئۇنى قويۇۋەتمىسۇن.


مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن. يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار، ياخشى ئىشلاردا چىڭ تۇرۇڭلار.


ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ئالدىڭغا توپلىشىپ كېلىپ، گېپىڭنى ئاڭلىشىدۇ، تۇرقىدىن مېنىڭ خەلقىمگە ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتتە گېپىڭگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇلار ئېغىزلىرىدا تاتلىق سۆزلىسىمۇ، لېكىن قەلبلىرىدە ھارام بايلىققا ئىنتىلىدۇ.


يوشۇۋا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا سەمىمىي ۋە ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار! ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى يوقىتىپ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭلارغىلا ئىبادەت قىلىڭلار!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite