Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 8:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 يامان ئاتاققا قالماسلىق ئۈچۈن، پەقەت رەببىمىزنىڭ نەزىرىدە ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىمۇ توغرا دەپ قارالغان ئىشلارنى قىلىشقا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 8:21
19 Referans Kwoze  

ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار، كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار.


ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئالدىدا ئېسىل پەزىلەت بىلەن ياشاڭلار. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرنى يامان ئادەم دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىڭلارنى كۆرۈپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.


قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار.


ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.


ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ سۆزىنى پايدا كۆزلەپ بۇرمىلايدىغانلار ھەرگىز بۇنداق ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بىز بولساق، ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەسمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ھەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر بولغاچقا، خۇدا ئالدىدا خۇدانىڭ سۆزىنى سەمىمىي يەتكۈزۈۋاتقانلاردۇرمىز.


مۇنداق ياشاش بىلەن ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغان كىشى خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نەسىھەت قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىلاردا ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش پۇرسىتى بولمايدۇ.


سەدىقەڭلارنى يوشۇرۇن بېرىڭلار. شۇنداق بولغاندا، يوشۇرۇن قىلىنغان ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ.


خۇددى شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىسۇنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارغا مەدھىيىلەر ئوقۇسۇن.


ئۇلار ھەممە ئىشلارنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ. ئۆزلىرىنى تەقۋادار كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئايەت قۇتىسنىڭ چوڭىنى چىگىۋېلىپ، تونلىرىنىڭ چۇچىلىرىنى ئۇزۇن ساڭگىلىتىپ قويىدۇ.


- دىققەت قىلىڭلاركى، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلماڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيسىلەر.


رۇت ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياتتى. لېكىن تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇردى، چۈنكى بوئاز ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.


تاپىسەن ھىممەت ۋە ئىززەت شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھەم ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە.


باشقىلارنىڭ قۇسۇر تېپىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەردلەرچە بېرىلگەن بۇ ئىئانىلارنى باشقۇرۇشتا ئېھتىيات قىلىپ، ئۇ قېرىندىشىمىزنى بىللە ئېلىپ بېرىشنى لايىق تاپتۇق.


بىز كۆپ قېتىم ۋە كۆپ ئىشلاردا سىناش ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە قىزغىن دەپ قارىغان يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئەۋەتمەكچىمىز. ئۇ سىلەرنىڭ بۇ ئىئانە ئىشىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشەندى. بۇ ئىشەنچ ئۇنىڭ سىلەرگە ياردەم بېرىشتىكى قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.


ئۇ جامائەتچىلىكنىڭ سىرتىدىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، باشقىلار ئۇنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ ۋە شەيتانمۇ ئۇنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرەلمەيدۇ.


ئۇ يەنە: _ ئىككىنچى قېتىم قۇيۇڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئىككىنچى قېتىم سۇ قۇيدى. ئۇ يەنە: _ ئۈچىنچى قېتىم قۇيۇڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئۈچىنچى قېتىم سۇ قۇيدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite