Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 8:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 بىز بىر قېرىندىشىمىزنى ئۇنىڭغا قوشۇپ قويماقچىمىز. ئۇ قېرىندىشىمىز خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 8:18
8 Referans Kwoze  

تىتۇسنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئۈندىدىم ۋە يەنە بىر قېرىنداشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەۋەتتىم. تىتۇسنىڭ سىلەردىن نەپ ئېلىپ باققان يېرى بارمۇ؟ ئۇ مەن بىلەن بىر نىيەتتە، بىر يولدا خىزمەت قىلىۋاتىدىغۇ!


يەنە كېلىپ، ئۇ توپلانغان ئىئانىلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىش سەپىرىدە بىز بىلەن ھەمسەپەر بولۇش ئۈچۈن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەنىدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىئانە توپلاش ئارقىلىق رەببىمىزنى ئۇلۇغلاش ۋە ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشتۇر.


ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان سالاھىيەت بويىچە ياشاۋەرسۇن. بۇنى ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە بۇيرۇيمەن.


ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە تروئاس شەھىرىگە بارغىنىمدا رەببىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا پۇرسەت بېرىلگەن بولسىمۇ،


ئۇلار مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىمىدى. يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەھۇدىي بولمىغان ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر.


ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك ۋە ئىشەنچلىك بولغان تىموتىينى مۇشۇنداق قىلىشىڭلارغا ياردەم بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ سىلەرگە مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يېڭى ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئەسلىتىدۇ. بۇ دەل مېنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتچىلىككە ئۆگەتكەنلىرىم بىلەن بىردەك.


مەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئىئانەڭلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزۈڭلار تاللىغان كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇش خېتىم بىلەن يېرۇسالېمدىكى جامائەتچىلىكنىڭ يېتەكچىلىرىگە ئەۋەتىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite