15 خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «كۆپرەك يىغىۋالغانلارنىڭ ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغىۋالغانلارنىڭمۇ كېمىپ قالمىدى.»
كۆپرەك يىغىۋالغانلارنىڭ ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغىۋالغانلارنىڭمۇ يەتمەي قالمىدى. ھەممەيلەننىڭ يىغىۋالغىنى ئۆز ئېھتىياجىغا دەلمۇدەل بولدى.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن: - بۇرۇن مەن سىلەرنى سەپەرگە ئەۋەتكەندە، ھەميان، خۇرجۇن ۋە ئاياغ ئالماڭلار، دېگەنىدىم. ئۇ چاغدا، بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ياق، - دەپ جاۋاب بېرىشتى شاگىرتلار.
مېنىڭ سىلەرگە بولغان قىزغىنلىقىمدەك قىزغىنلىقنى تىتۇسنىڭ قەلبىگە سالغان خۇداغا شۈكۈرلەر بولغاي!